14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 12-يىغىنى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنى ئۆتكۈزدى، يىغىندا گوۋۇيۈەننىڭ جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە، دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئالىي مەكتەپ ۋە ئەۋزەل پەن بەرپا قىلىش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىغا قاراپ چىقىلدى ھەم مەخسۇس تېمىدا سوئال سورالدى. كومىتېت باشلىقى جاۋ لېجى يىغىنغا قاتناشتى.
مۇئاۋىن كومىتېت باشلىقى سەي دافېڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئەزا ياڭ گۇەنلىن، لى ۋېي، لى خۇيچيۇڭ، شياڭ چياۋ، جوۋ يوۋيۇڭ، سۇڭ بىن ۋە يىغىنغا سىرتتىن قاتناشقان ليۇ شىن قاتارلىق يولداشلار «قوش ئالدىنقى قاتار» قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى باشقۇرۇش-رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، يۇقىرى سەۋىيەلىك مائارىپنى ئېچىۋېتىشقا تۈرتكە بولۇش، مائارىپ ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئالىي مەكتەپلەر دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەسى ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىش، زامانىۋى ئالىي مەكتەپ تۈزۈمى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش، ئالىي ئىدارە قىلىشنىڭ قانۇنچىللىشىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش، «قوش ئالدىنقى قاتار» باھالاش كۆرسەتكۈچى سىستېمىسىنى ئىسلاھ قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ سوئال سورىدى.
دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارى شېن يىچىن، مائارىپ مىنىستىرلىقى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، پەن ـ تېخنىكا مىنىستىرلىقى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلاردىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا قاتنىشىپ پىكىرلەرنى ئاڭلىدى، سوئاللارغا جاۋاب بەردى.
شېن يىچىن مۇنداق بىلدۈردى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تىرىشىشى بىلەن دۆلىتىمىزدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ «قوش ئالدىنقى قاتار» قۇرۇلۇشىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە، دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئالىي مەكتەپ قۇرۇش يېڭى يولى تېپىپ چىقىلدى. گوۋۇيۈەن ھەم ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مائارىپ توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بويىچە، سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇشنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ، دۆلەت ئىستراتېگىيەسى ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئېھتىياجىغا دەل جايىدا مۇلازىمەت قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، بايلىق كاپالىتىنى كۈچەيتىپ تەرەققىيات ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، «قوش ئالدىنقى قاتار» قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.
سەي دافېڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مائارىپنى دۆلەتنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانى، پارتىيەنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنى پەن-مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇش، مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىشتىن ئىبارەت مۇھىم، زور تەدبىرنى چىقاردى. بۇ قېتىمقى مەخسۇس تېمىدا سوئال سوراش مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى ۋە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نازارەتچىلىك خىزمەت ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈپ، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىشتىكى تەدبىرى. گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى قاراپ چىقىش ۋە مەخسۇس تېمىدا سوئال سوراشتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىر-تەكلىپلەرنى ئەستايىدىل مۇھاكىمە قىلىپ بىر تەرەپ قىلىپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا مۇھاكىمە قىلىپ بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى قانۇن بويىچە ۋاقتىدا ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مائارىپ-پەن-مەدەنىيەت-سەھىيە كومىتېتى ئىز قوغلاپ نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىشى كېرەك.
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرىدىن لى خۇڭجۇڭ، ۋاڭ دۇڭمىڭ، شياۋ جيې، جېڭ جيەنباڭ، دىڭ جۇڭلى، خاۋ مىڭجىن، خې ۋېي، تيې نىڭ، پېڭ چىڭخۇا، جاڭ چىڭۋېي، لوساڭ جياڭسۈن، شۆھرەت زاكىر، باش كاتىپ ليۇ چى يىغىنغا قاتناشتى.