لى چياڭ مىكون دەرياسى ئىككىلەمچى رايون ئىقتىسادىي ھەمكارلىقى 8-قېتىملىق رەھبەرلەر يىغىنىغا قاتناشتى

2024.11.08 10:41 مەنبە: خەلق تورى

11-ئاينىڭ 7-كۈنى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ كۇنمىڭدا مىكون دەرياسى ئىككىلەمچى رايون ئىقتىسادىي ھەمكارلىقى بويىچە 8-قېتىملىق رەھبەرلەر يىغىنىغا قاتناشتى. كامبودژا، لائوس، بىرما، تايلاند، ۋىيېتنام ھۆكۈمىتىنىڭ باشلىقلىرى ۋە ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسىنىڭ باشلىقى قاتناشتى.

لى چياڭ مۇنداق بىلدۈردى: مىكون دەرياسى ئىككىلەمچى رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق مېخانىزمى ئورنىتىلغان 30 نەچچە يىلدىن بۇيان، جۇڭگو ۋە مىكون دەرياسى بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ھەمكارلىق ئۈستىدە ئورتاق كېڭىشىش، تەرەققىياتنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشىدىكى مۇھىم سۇپىغا ئايلاندى. ھازىر دۇنيا يېڭى داۋالغۇش، ئۆزگىرىش مەزگىلىگە كىردى، جۇڭگو بىلەن مىكون دەرياسى بويىدىكى دۆلەتلەر بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك يېقىن ئۆتىدىغان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى، تېخىمۇ مۇھىمى زىچ ئىتتىپاقلىشىپ ۋە ھەمكارلىشىپ، ئىقتىسادىي جەھەتتە ئۆزئارا تولۇقلاش ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئورتاق تەرەققىيات يولىدا قەتئىي قول تۇتۇشۇپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، رايون ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، خاتىرجەملىكى، تەرەققىياتى، گۈللىنىشى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

لى چياڭ رايون ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا تۆت تۈرلۈك تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى: بىرىنچى، ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىشتا چىڭ تۇرۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك، تېخىمۇ چوڭ كۆلەملىك قوش يۆنىلىشلىك ئېچىۋېتىشنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىپ، ئوچۇق رايون ئىقتىسادى قۇرۇلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە تولغان دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ بازار بەرپا قىلىش. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى داۋاملىق يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق قۇرۇپ، «رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى»نى يۇقىرى سۈپەتتە يولغا قويۇپ، جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى ئەركىن سودا رايونىنىڭ 3.0 نۇسخىدىكى دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن كېلىشىمنامىسىنى ئىمزالاپ يولغا قويۇشنى تېزلىتىپ، سودا سېلىنمىسىنى قولايلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش.

ئىككىنچى، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق يېتەكلەشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش سىياسەتلىرىنى ئۇدۇللاشتۇرۇش ۋە ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يېڭىلىق يارىتىش مۇھىم ئامىللىرىنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك يۆتكىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇپ قوللىنىشنى تېزلىتىپ، يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىقىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشى ۋە ئەمەلىيلىشىشىگە تىرەك بولۇش ۋە كاپالەتلىك قىلىش. رايون ئېلېكتىر تورىنى پىلانلاش، قۇرۇش ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىشكە پائال تۈرتكە بولۇپ، يېڭى ئېنېرگىيەلىك باتارېيە، ئاپتوموبىل ۋە يورۇقلۇق ۋولت كەسپىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پاكىز ئېنېرگىيە، ئاقىل ياسىمىچىلىق، چوڭ سانلىق مەلۇمات، ئاقىل شەھەر قاتارلىق يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، رايون تەرەققىياتىنىڭ يېڭى قۇۋۋىتىنى يېتىلدۈرۈش ۋە زورايتىش.

ئۈچىنچى، يۈرۈشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تاشيول، تۆمۈريول، پورت قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەرنى «قاتتىق تۇتاشتۇرۇش»نى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، سىياسەت، قانۇن، نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش، قائىدە، ئۆلچەم قاتارلىق ساھەلەردىكى «يۇمشاق تۇتاشتۇرۇش»نى كۈچەيتىپ، چېگرا ھالقىپ چىقىم قىلىش، ئۆلچەملىك پۇل بىلەن راسچوت قىلىشنىڭ قولايلىقىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، چېگرا ھالقىغان ھەمكارلىق بويىچە تېخىمۇ كۆپ ئۈلگە كۆرسىتىش رايونلىرىنى پائال بەرپا قىلىپ، رايون ئىقتىسادىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش مۇساپىسىنى تېزلىتىش. جۇڭگو تەرەپ مىكون دەرياسى بويىدىكى بەش دۆلەتكە «لەنساڭجياڭ-مىكون دەرياسى ۋىزىسى» تارقىتىپ ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان سودا خادىملىرىغا بەش يىلدا كۆپ قېتىم جۇڭگوغا كېلىش ۋىزىسىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاپ بېرىشنى قارار قىلدى.

تۆتىنچى، زىچ ئالاقىلىشىپ ۋە ماسلىشىپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىلىكنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، مىكون دەرياسى ئىككىلەمچى رايون ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنىڭ لەنساڭجياڭ دەرياسى- مىكون دەرياسى ھەمكارلىقى، سەنخې ۋادىسى مېخانىزمى، مىكون دەرياسى كومىتېتى قاتارلىق مېخانىزملار بىلەن ماس تەرەققىي قىلىشىغا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، سىغدۇرۇشچان، ئۆزئارا ئىلگىرى سۈرىدىغان ياخشى ھەمكارلىق كەيپىياتى بەرپا قىلىش. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسى، ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسى قاتارلىق ئاپپاراتلار بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى قوزغىتىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030-يىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئورتاق ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش.

يىغىنغا قاتناشقان ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرى ۋە ئالاقىدار ئاپپاراتلارنىڭ مەسئۇللىرى جۇڭگونىڭ مىكون دەرياسى ئىككىلەمچى رايون ئىقتىسادىي ھەمكارلىق مۇساپىسىدە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرغانلىقىنى يۈكسەك ئالقىشلىدى، ئورتاق تىرىشىپ، رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى بويىچە ئالاقىلىشىش ۋە ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئېچىۋېتىش ۋە ھەمكارلىشىشنى ساقلاپ، دىققەتنى يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ ئىقتىساد-سودا، يېزا ئىگىلىكى، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش، رەقەملىك ئىقتىساد، يېشىل تەرەققىيات، داۋالاش-ساقلىق ساقلاش، ساياھەت، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، ئەركىن سودىنى قوغداپ، رايون ئىقتىسادىنىڭ بىرگەۋدىلىشىشى ۋە مىكون دەرياسى ئىككىلەمچى رايونىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ سىغدۇرۇشچان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، رايون دۆلەتلىرى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يىغىندا «مىكون دەرياسى ئىككىلەمچى رايون ئىقتىسادىي ھەمكارلىقى 8-قېتىملىق رەھبەرلەر يىغىنى خىتابنامىسى» ۋە « مىكون دەرياسى ئىككىلەمچى رايون ئىقتىسادىي ھەمكارلىقى 2030 ئىجادىي تەرەققىي قىلىش ئىستراتېگىيەسى» قاتارلىق نەتىجە ھۆججەتلىرى ماقۇللاندى.

ۋۇ جېڭلۇڭ يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ