شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 7 - كۈنى تېلېگراممىسى 11 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مايا ساندۇغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ ئۇدا مولدوۋا جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو مولدوۋا بىلەن ئەنئەنىۋى دوستانە ھەمراھلاردىن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە مۇقىم تەرەققىيات ساقلاندى، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش ھەمكارلىقى ئوڭۇشلۇق ئالغا سىلجىتىلدى. مەن جۇڭگو - مولدوۋا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ خانىم بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىغا يېتەكچىلىك قىلىشنى خالايمەن.