شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 7 - كۈنى تېلېگراممىسى 11 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ دونالىد تىرامپقا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ ئامېرىكا زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: تارىخ بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ھەمكارلىقى ئىككىلا تەرەپكە پايدىلىق، ئېلىشىشى ئىككىلا تەرەپكە زىيانلىق. مۇقىم، ساغلام، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلىدىغان جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق مەنپەئىتى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇن. ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، تىنچ بىللە تۇرۇش، ھەمكارلىشىپ تەڭ مەنپەئەتلىنىش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، سۆھبەتلىشىش ۋە ئالاقىلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئىختىلاپلارنى مۇۋاپىق باشقۇرۇپ - تىزگىنلەپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ توغرا بولغان چىقىشىپ ئۆتۈش يولىدا مېڭىشىنى، ئىككى دۆلەتكە بەخت يارىتىشىنى، دۇنياغا نەپ يەتكۈزۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
شۇ كۈنى، دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خەن جېڭ جامېس ۋانسقا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.