شى جىنپىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك دۇنيا كىلاسسىكشۇناسلىق يىغىنىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2024.11.08 10:40 مەنبە: خەلق تورى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 7 - كۈنى تېلېگراممىسى 11 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك دۇنيا كىلاسسىكشۇناسلىق يىغىنىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: كىلاسسىك مەدەنىيلىك يۇلتۇزلاردەك چاقناپ، كېيىنكىلەرنى ئۈزلۈكسىز ئوزۇقلاندۇرىدۇ ۋە ئىلھاملاندۇرىدۇ. 2000 نەچچە يىل ئىلگىرى، جۇڭگو بىلەن يوناندىن ئىبارەت ئىككى چوڭ مەدەنىيلىك ئاسىيا - ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ ئىككى بېشىدا كۆزنى چاقنىتىپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ئۇل سېلىش خاراكتېرلىك تۆھپە قوشقان. جۇڭگو - گىرېتسىيە بىرلىكتە تۇنجى نۆۋەتلىك دۇنيا كىلاسسىكشۇناسلىق يىغىنىنى ئۆتكۈزۈپ، ئافىنادا جۇڭگو كىلاسسىك مەدەنىيلىكى تەتقىقات ئورنى تەسىس قىلىپ، جۇڭگو - گىرېتسىيە ئىككى دۆلەت ۋە دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر ئۈچۈن مەدەنىيلىك جەھەتتە ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنىڭ يېڭى سۇپىسىنى ھازىرلاپ بەردى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو مەدەنىيلىككە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشقا پائال كۈچەپ، خەلقئارا ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يەرشارىۋى مەدەنىيلىك سۆھبىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىك ئىچىدىن ئەقىل - پاراسەت ئىزدەش، ئوزۇق ئېلىشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ، ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئىنسانلار ئورتاق دۇچ كەلگەن ھەر خىل خىرىسلارنى قول تۇتۇشۇپ ھەل قىلىپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ تەرەققىياتى، ئىلگىرىلىشىگە ئورتاق تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. ھەرقايسى مۇتەخەسسىس، ئالىملارنىڭ كىلاسسىكشۇناسلىقنى تەتقىق قىلىش بۇرچىنى زىممىگە ئېلىپ، مەدەنىيلىككە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، مەدەنىيلىك بويىچە ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

تۇنجى نۆۋەتلىك دۇنيا كلاسسىكشۇناسلىق يىغىنى شۇ كۈنى بېيجىڭدا باشلاندى، يىغىننىڭ باش تېمىسى «كلاسسىك مەدەنىيلىك ۋە زامانىۋى دۇنيا» بولۇپ، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى، جۇڭگو مائارىپ مىنىستىرلىقى، جۇڭگو مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى، گىرېتسىيە مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى، گىرېتسىيە ئافىنا پەنلەر ئاكادېمىيەسى بىرلىكتە مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ