شى جىنپىڭ مالايسىيا زۇڭلىسى ئەنۋەر بىلەن كۆرۈشتى

2024.11.08 10:39 مەنبە: خەلق تورى

11 - ئاينىڭ 7 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەن مالايسىيا زۇڭلىسى ئەنۋەر بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو - مالايسىيا ئىككى دۆلەت دېڭىز ئارقىلىق ئايرىلىپ بىر - بىرىگە قارىشىپ تۇرىدىغان ياخشى قوشنا بولۇپلا قالماي، يەنە مەقسەت - نىشانى بىردەك بولغان ياخشى دوستلار، قول تۇتۇشۇپ تەرەققىي قىلىدىغان ياخشى ھەمراھلار. بۇلتۇر 3 - ئايدا، سىز زۇڭلى بولغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم جۇڭگودا زىيارەتتە بولغاندا، بىز جۇڭگو - مالايسىيا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىش توغرىسىدا مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلغانىدۇق. بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ئىككى تەرەپ ھەرقايسى قاتلام - دەرىجىلىكلەرنىڭ قويۇق ئالاقە قىلىشى، ھەمتۈرتكە بولۇشىنى ساقلاپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە ئەمەلىي پايدا ئېلىپ كەلدى. ھازىر، جۇڭگو - مالايسىيا ئىككى دۆلەت ئۆز دۆلەتلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشىدىكى ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ، ئىككى تەرەپ جۇڭگو - مالايسىيا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى ھەم «جۇڭگو - مالايسىيا دوستلۇق يىلى»نى تەبرىكلەشنى پۇرسەت بىلىپ، قول تۇتۇشۇپ جۇڭگو - مالايسىيا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنىڭ چوڭقۇر بولۇشىغا، پۇختا بولۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچ قوشۇپ، رايوننىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقى ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىككى تەرەپ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ قويۇق ئالاقىسىنى داۋاملىق ساقلاپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىر - بىرىنى يادرولۇق مەنپەئەت ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە قەتئىي قوللىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ مالايسىيا تەرەپنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىنى تاللىشىنى قوللايدۇ. ئىككى تەرەپ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەر تەرەپلىمە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق بەرپا قىلىشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، «ئىككى دۆلەت قوش كەسىپلەر باغچىسى» قاتارلىق بايراقدار تۈرلەرنى ئورتاق ياخشى يولغا قويۇپ، رەقەملىك ئىقتىساد، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، يېڭى ئېنېرگىيە قاتارلىق جەھەتلەردە ھەمكارلىق يېڭى ئېشىش نۇقتىلىرىنى بەرپا قىلىپ، نامراتلارنى ئازايتىش جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىش مېخانىزمى ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىشى كېرەك. مالايسىيا تەرەپنىڭ جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى سۇپىسىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، مالايسىيانىڭ تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك خاس مەھسۇلاتلىرىنى جۇڭگوغا يۈزلەندۈرۈشىنى قارشى ئالىمىز. جۇڭگو تەرەپ مالايسىيا تەرەپ بىلەن ئالىي مائارىپ، مەدەنىيەت، ساياھەت، ياشلار، يەرلىكلەر قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو - مالايسىيا دوستلۇقى، خەلق رىشتىنى چىڭىتىشنى خالايدۇ. كۆپ خىل مەدەنىيلىك بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش، ئىناق، سىغدۇرۇشچان بولۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، تىنچ ئۆتۈش، ھەمكارلىشىش، سىغدۇرۇشچان بولۇش، يۇغۇرۇلۇشنى يادرو قىلغان ئاسىيا قىممەت قارىشىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى بىلەن ئىسلام مەدەنىيلىكىنىڭ ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش داۋامىدا ئورتاق تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۈگۈنكى دۇنيادا ئۆزگىرىش ۋە قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتكەن بولۇپ، يېڭى داۋالغۇش، ئۆزگىرىش مەزگىلىگە كىردى. ئاسىيادىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ۋە يېڭىدىن گۈللەنگەن ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ مۇھىم ۋەكىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو - مالايسىيا ئىككى تەرەپ خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىدە پىكىر ئالماشتۇرۇش، ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، قەتئىي تۈردە ئۆزئارا قوللاپ، قورۇقچىلىققا ئورتاق قارشى تۇرۇپ، سودا ۋە مەبلەغ سېلىشنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، باراۋەر، تەرتىپلىك بولغان دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولغان ئىقتىسادنىڭ يەرشارىۋىلىشىشىنى تەشەببۇس قىلىپ، يەرشارىۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىدا ئۆزگىرىش ياساشقا ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىق ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغدىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ مالايسىيانىڭ كېلەر يىلى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى بولۇش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئېلىشىنى قوللايدۇ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ مەركەزلىك ئورنى ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشىنى قوللاپ، رايون تەرەققىياتى، ھەمكارلىقىنىڭ ئاساسىي ئېقىمىنى ياخشى قوغدايدۇ.

ئەنۋەر مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش قاتارلىق مۇھىم ئىدىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىكنىڭ سىغدۇرۇشچان بولۇشى، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشىنى تەشەببۇس قىلدى ھەم «كېسەك ئالتۇن +» ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇشقا يېتەكچىلىك قىلىش توغرىسىدا ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىپ پىكىر - تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكى تەرەققىياتى ۋە خەلقنىڭ مەنپەئىتى، بەخت - سائادىتىگە بولغان چوڭقۇر ھېسسىياتى ۋە ئەقىل - پاراسىتى، مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلدى، يەرشارىنىڭ جەنۇبىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى ۋە يۈرەك ساداسىغا ۋەكىللىك قىلدى. مالايسىيا تەرەپ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يىراقنى كۆرەرلىكى ۋە تەشەببۇسىغا ئاپىرىن ئوقۇيدۇ ۋە قوللايدۇ. مالايسىيا ھۆكۈمىتى جۇڭگو بىلەن بولغان ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۇچۇر تېخنىكىسى، رەقەملىك ئىقتىساد، ئېنېرگىيە قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدۇ. مالايسىيا تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ نامراتلارنى ئازايتىش ساھەسىدە قولغا كەلتۈرگەن كىشىنى قايىل قىلىدىغان مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە ئاپىرىن ئوقۇيدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىش ۋە ئۆرنەك قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. مالايسىيا بىلەن جۇڭگونىڭ نۇرغۇن مۇھىم خەلقئارا، رايون مەسىلىلىرىدىكى ئىدىيەسى ئوخشاش، مەيدانى ئوخشىشىپ كېتىدۇ، مالايسىيا تەرەپ ئىستراتېگىيەلىك ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتى، گۈللىنىشىنى قوغداشنى خالايدۇ.

ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ