گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى: شارائىتى بار ئاممىۋى قار-مۇز مەيدان-سارايلىرىنى جەمئىيەتكە ھەقسىز ياكى تۆۋەن ھەق ئېلىپ ئېچىۋېتىشكە ئىلھام بېرىش كېرەك

2024.11.07 15:43 مەنبە: خەلق تورى

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «قار-مۇز تەنھەرىكىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئارقىلىق قار-مۇز ئىقتىسادىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش توغرىسىدىكى بىرقانچە پىكىر» (تۆۋەندە قىسقارتىپ «پىكىر» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقاتتى.

«پىكىر»دە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: قار-مۇز مەيدانى ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىدۇ. ھەرقايسى جايلار شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈش، ۋاقىتقا قاراپ ئىش كۆرۈشكە، باغچا، پىيادىلەر يولى، شەھەر مەيدانى قاتارلىق ئاممىۋى يەرلەردىن پايدىلىنىپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى قار-مۇز مەيدانى قۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇلىدۇ. بىر تۈركۈم قار-مۇز ساياھىتى ۋە قار-مۇز تەنھەرىكىتىنى ھېس قىلىش بازىلىرى بارلىققا كەلتۈرۈلىدۇ. ئىجتىمائىي كۈچلەر كونا زاۋۇت ئۆيى، ئامبار، كونا سودا ئەسلىھەلىرى قاتارلىقلارنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق قار-مۇز مەيدانلىرى قۇرۇشقا يېتەكلىنىدۇ. قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەيدان-سارايلىرىدىن مۇسابىقىدىن كېيىن پايدىلىنىش ۋە كۆپ پەسىلدە تىجارەت قىلىشقا چوڭقۇر تۈرتكە بولۇنىدۇ. شارائىتى بار ئاممىۋى قار-مۇز مەيدان-سارايلىرىنى جەمئىيەتكە ھەقسىز ياكى تۆۋەن ھەق ئېلىپ ئېچىۋېتىشكە ئىلھام بېرىلىدۇ. شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان قار-مۇز ئۈسكۈنىلىرىنى كەڭ كۆلەمدە ئۈسكۈنىلەرنى يېڭىلاشنى قوللاش دائىرىسىگە كىرگۈزۈشكە مەدەت بېرىلىدۇ. ئېنېرگىيە تېجەش تېخنىكىسى قوللىنىشقا، تۆۋەن كاربونلۇق قار-مۇز مەيدان-سارايلىرى قۇرۇشقا ئىلھام بېرىلىدۇ.

يۈرۈشلەشكەن مۇلازىمەت سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلىدۇ. قار-مۇز تەنھەرىكىتى سورۇنلىرىنىڭ قاتناش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىپ، تۆمۈريول، تاشيول، خەلق ئاۋىياتسىيەسى قاتارلىق قاتناش مۇلازىمىتى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، قار-مۇز تەنھەرىكەت مەنزىلگاھلىرىغا قاتنايدىغان پويىز قېتىم سانى، ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى نۆۋەتچى ئايروپىلانى كۆپەيتىلىدۇ. قار ـ مۇز تەنھەرىكىتى ھەۋەسكارلىرىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قار-مۇز جابدۇقلىرىنى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولدا قولايلاشتۇرۇپ توشۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشكە مەدەت بېرىلىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ