گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «قار-مۇز تەنھەرىكىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئارقىلىق قار-مۇز ئىقتىسادىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش توغرىسىدىكى بىرقانچە پىكىر» (تۆۋەندە قىسقارتىپ «پىكىر» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقاتتى.
«پىكىر»دە قار-مۇز تەنھەرىكىتىنىڭ ماھارەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. قار-مۇز تەنھەرىكىتىنىڭ مەشىق كاپالىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى قاتارلىق مۇھىم، زور خەلقئارا قار-مۇز مۇسابىقىلىرىگە تەييارلىق كۆرۈش، مۇسابىقىگە قاتنىشىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. نۇقتىلىق قار-مۇز تۈرلىرى بويىچە دۆلەت ياشلار كوماندىسى قۇرۇش كېرەك. ئائىلە، مەكتەپ، كۇلۇب قاتارلىق ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك قار-مۇز تەنھەرىكەتچىلىرىنى يېتىشتۈرۈشىگە ئىلھام بېرىش كېرەك. پۈتۈن دۆلەت تۈزۈلمىسىنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ مەشىق، خىراجەت، پەن-تېخنىكا، تېببىي پەن قاتارلىق بايلىقلاردىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشى، ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق بىر-بىرىنى تولۇقلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىچكى موڭغۇل، لياۋنىڭ، جىلىن، خېيلۇڭجياڭ، شىنجاڭ قاتارلىق قار-مۇز تەنھەرىكىتى ئاساسىي شارائىتى بىرقەدەر ياخشى جايلارنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك قار-مۇز مەشىق بازىسى قۇرۇشىغا مەدەت بېرىپ، قار-مۇز ماھارەت مۇسابىقىسى زاپاس ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. بىرىكمە مەشىققە ئەھمىيەت بېرىپ، كوللېكتىپ قۇرۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، تەنھەرىكەت كوماندىلىرىنىڭ ئىلمىي مەشىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. دۆلەت ئىچىدىكى قار-مۇز تۈرلىرى تەنھەرىكەت كوماندىلىرىنىڭ سىرتتا مەشىق قىلىش، سىرتتا مۇسابىقە ئۆتكۈزۈشنى قاراتمىلىق قانات يايدۇرۇشى، چەت ئەللىك قار-مۇز ئىختىساسلىقلىرىنى ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشقا تەكلىپ قىلىش قاتارلىقلارنى قوللىشى كېرەك.