يېزا ئىگىلىكى، يېزا مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 11-ئاينىڭ 6-كۈنى، مەملىكەتلىك يېزا-كەنت قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنى خېبېي ئۆلكىسىنىڭ شىجياجۇاڭ شەھىرىدە ئېچىلغان، يېزا ئىگىلىكى - يېزا مىنىستىرلىقى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مىنىستىر خەن جۈن يىغىنغا قاتناشقان ھەم سۆز قىلغان. يېزا ئىگىلىكى، يېزا مىنىستىرلىقى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى مەردان مۇقىيىت يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغان. بۇ خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، مەردان مۇقىيىت يېزا ئىگىلىكى، يېزا مىنىستىرلىقى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى بولغان. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، مەردان مۇقىيىت ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە تەيىنلەنگەنىدى.