«شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق كىتابنىڭ جۇڭگو - پېرۇ ئوقۇرمەنلەر يىغىنى پېرۇ لىمادا ئۆتكۈزۈلدى

2024.11.07 15:32 مەنبە: خەلق تورى

شۇ جاي ۋاقتى 11 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، جۇڭگو گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى، جۇڭگو چەت ئەل تىل - يېزىقى نەشرىيات - تارقىتىش ئىدارىسى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن، چەت ئەل تىل - يېزىقى نەشرىياتى، جۇڭگو چەت ئەل تىل - يېزىقى نەشرىيات - تارقىتىش ئىدارىسىنىڭ ئامېرىكا قىتئەسى تارقىتىش مەركىزى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق كىتابنىڭ جۇڭگو - پېرۇ ئوقۇرمەنلەر يىغىنى پېرۇنىڭ پايتەختى لىمادا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو بىلەن پېرۇ ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي ساھەسى، نەشرىيات ساھەسى، ئىلىم ساھەسى ۋە تاراتقۇلىرىدىن تەخمىنەن 150 كىشى ئوقۇرمەنلەر يىغىنىغا قاتناشتى.

يىغىنغا قاتناشقان ئەزىز مېھمانلار مۇنداق بىلدۈردى: «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق كىتابتا رەئىس شى جىنپىڭنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى مەركەزلىك ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىنىڭ نەزەرىيە سىستېمىسى ۋە ئەمەلىيەت يولى ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلىنغان، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتىكى خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش قىممەت ئىنتىلىشى، مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولغان ئىزدىنىش روھى، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولغان مەدەنىيلىك مەزمۇنى ۋە ھەمكارلىشىپ تەڭ مەنپەئەتلىنىش قەتئىي ئىرادىسى تولۇق نامايان قىلىنغان، بۇ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى چۈشىنىشىگە ياردەم بېرىدىغان «ئىدىيە كۆزنىكى» بولۇپ، پېرۇ ۋە لاتىن ئامېرىكىسىدىكى ھەر ساھە ئوقۇرمەنلەرنىڭ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدا چوڭقۇر تونۇشقا تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ ۋاقتىدا ئىگە بولۇشى ۋە ئۇنى يېڭىلىشىغا پايدىلىق. جۇڭگونىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرى پېرۇنى ئۆز ئىچىگە ئالغان لاتىن ئامېرىكىسى رايونى ۋە كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى پايدىلىق ئۆرنەك بىلەن تەمىنلىدى.

پائالىيەتتە، جۇڭگو تەرەپ پېرۇ تەرەپكە «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق كىتابنىڭ 4 - تومىنىڭ ئىسپان تىل - يېزىقى نۇسخىسىنى سوۋغا قىلدى. ئىككى دۆلەتنىڭ مۇتەخەسسىس، ئالىملىرى جۇڭگو - پېرۇ، جۇڭگو بىلەن لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرى ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىشىنى چۆرىدەپ پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە مۇھاكىمە قىلىشنى قانات يايدۇردى. «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق كىتاب 2014 - يىلى 9 - ئايدا نەشردىن چىققاندىن بۇيان، 42 خىل تىل - يېزىققا تەرجىمە قىلىنىپ نەشر قىلىنىپ، دۇنيادىكى 180 نەچچە دۆلەت ۋە رايونغا تارقىتىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ