شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنى تېلېگراممىسى 11 ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ لالابالاۋۇغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ فىجى جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: فىجى يېڭى جۇڭگو بىلەن ئەڭ بالدۇر دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان تىنچ ئوكيان ئارال دۆلىتى. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 49 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو ـ فىجى مۇناسىۋىتى تېز تەرەققىي قىلىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ بەخت ـ سائادىتىنى ئاشۇرۇپ، رايون ھەتتا دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى. مەن جۇڭگو ـ فىجى مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، سايلانغان زۇڭتۇڭ ئەپەندى بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل، ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايمەن.