شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنى تېلېگراممىسى 11 ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ دۇما بوكوغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ بوتسۋانا جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن بوتسۋانا ئەنئەنىۋى دوستلاردىن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى ياخشى بولدى، ئىككى تەرەپنىڭ ئۇل ئەسلىھە، پاكىز ئېنېرگىيە، داۋالاش ـ ساقلىق ساقلاش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق نەتىجىلىرى كۆرۈنەرلىك بولدى. مەن جۇڭگو ـ بوتسۋانا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغان بوكو بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت ـ سائادەت يارىتىشنى خالايمەن.