شى جىنپىڭ پاراشۇتچى ئەسكەرلەر جۈنىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە مۇنداق تەكىتلىدى

ھەربىي مەشىق ۋە ئۇرۇش تەييارلىقىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، بوشلۇقتىن چۈشۈپ جەڭ قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، تىرىشىپ قۇدرەتلىك، زامانىۋىلاشقان پاراشۇتچى ئەسكەرلەر قىسمى قۇرۇپ چىقىش كېرەك

2024.11.07 15:25 مەنبە: خەلق تورى

11 ـ ئاينىڭ 4 ـ كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ پاراشۇتچى ئەسكەرلەر جۈنىگە كېلىپ كۆزدىن كەچۈردى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ پاراشۇتچى ئەسكەرلەر جۈنىدىكى ئوفىتسېر ـ ئەسكەرلەر ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي كۆرۈشمەكتە.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى گاڭ فوتوسى

11 ـ ئاينىڭ 4 ـ كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ پاراشۇتچى ئەسكەرلەر جۈنىگە كېلىپ كۆزدىن كەچۈردى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ پاراشۇتچى ئەسكەرلەر جۈنىنىڭ ئارمىيە تارىخى سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى گاڭ فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شياۋگەن، 11 ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر مېي چاڭۋېي) جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 11 ـ ئاينىڭ 4 ـ كۈنى پاراشۇتچى ئەسكەرلەر جۈنىگە كېلىپ كۆزدىن كەچۈردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: پاراشۇتچى ئەسكەرلەر قىسمى ئارمىيەمىزنىڭ كۈچ سىستېمىسى ۋە ئۇرۇش قىلىش سىستېمىسىدا ئالاھىدە مۇھىم رولغا ئىگە، يېڭى دەۋردە ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ھەربىي ئىستراتېگىيە فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەربىي مەشىق ۋە ئۇرۇش تەييارلىقىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، بوشلۇقتىن چۈشۈپ جەڭ قىلىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، تىرىشىپ قۇدرەتلىك، زامانىۋىلاشقان پاراشۇتچى ئەسكەرلەر قىسمى قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

كەچ كۈز مەزگىلىدە، جىڭچۇ تۇپرىقىدا ئورمانلار ئالتۇن رەڭگە كىرگەن بولۇپ، مەنزىرىسى كىشىنى جەلپ قىلاتتى. چۈشتىن كېيىن سائەت 3لەردە، شى جىنپىڭ پاراشۇتچى ئەسكەرلەر جۈنى ئورگىنىغا كېلىپ، قىزغىن ئالقىش ساداسى ئىچىدە پاراشۇتچى ئەسكەرلەر جۈنىدىكى ئوفىتسېر ـ ئەسكەرلەر ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى، كۆپچىلىك بىلەن سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى.

سۈرەتكە چۈشۈش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ بوشلۇقتىن چۈشۈپ جەڭ قىلىش ۋە كاپالەت جابدۇقلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، تىپىك قورال ـ جابدۇقلارنىڭ تېخنىكىلىق ـ تاكتىكىلىق ئىقتىدارىنى تەپسىلىي ئىگىلەپ، ئالاقىدار ئەھۋاللار توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى. مۇشۇ يىللاردا پاراشۇتچى ئەسكەرلەر قىسمىنىڭ قورال ـ جابدۇق سىستېمىسى قۇرۇلۇشىدا پائال نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ، شى جىنپىڭ ناھايىتى خۇشال بولدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ئۇرۇش قىلىش ئېھتىياجىنى يېتەكچى قىلىشنى كۈچەيتىپ، بوشلۇقتىن چۈشۈش جابدۇقلىرىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش، يۈرۈشلەشتۈرۈش، ھەممىبابلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ۋە ئەمەلىي جەڭدە قوللىنىشنى كۈچەيتىپ، يېڭىچە بوشلۇقتىن چۈشۈش جابدۇقلىرى سىستېمىسى بەرپا قىلىش كېرەك.

ئارقىدىن، شى جىنپىڭ پاراشۇتچى ئەسكەرلەر جۈنىنىڭ ئارمىيە تارىخى سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. بۇ جۈن تارىخىي ۋەزىنگە ئىگە، تۆھپىسى كۆرۈنەرلىك قەھرىمان قىسىم بولۇپ، ئىنقىلابىي ئۇرۇش يىللىرىدا ئۇرۇش ئىس ـ تۈتەكلىرىنىڭ سىناقلىرىنى باشتىن كەچۈرگەن، ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشىدىكى شاڭگەنلىڭ ئۇرۇشىدا دۆلەتنىڭ ھەيۋىسى، ئارمىيەنىڭ ھەيۋىسىنى نامايان قىلغانىدى، تىنچ قۇرۇلۇش مەزگىلىدە بىر قاتار مۇھىم ۋەزىپىلەرنى قالتىس تاماملاپ، زور بىر تۈركۈم قەھرىمان كوللېكتىپلار ۋە قەھرىمان ـ نەمۇنىچىلار بارلىققا كەلدى. شى جىنپىڭ كۆرگەزمىنى تەپسىلىي كۆرۈپ، چۈشەندۈرۈشنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى. ئۇ كۆپچىلىككە مۇنداق تاپىلىدى: قىزىل بايلىق ئەۋزەللىكىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئوفىتسېر ـ ئەسكەرلەرنى شەرەپلىك ئەنئەنىنى ياخشى ئەۋج ئالدۇرۇش، تىرىشىپ يېڭى دەۋردە قەھرىمانلارنىڭ ئىزباسارلىرىدىن بولۇشقا تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش كېرەك.

پاراشۇتچى ئەسكەرلەر جۈنىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. شى جىنپىڭ پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان پاراشۇتچى ئەسكەرلەر قىسمى قۇرۇلۇشىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش، جەڭ قىلىش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ھەربىي كۈرەش تەييارلىقىنى ھەم چىڭ، ھەم پۇختا تۇتۇش كېرەك. ھازىرقى زامان ئۇرۇشىدا بوشلۇقتىن چۈشۈش كۈچلىرىدىن پايدىلىنىش ئالاھىدىلىكى ۋە قانۇنىيىتىنى ئىگىلەپ، بوشلۇقتىن چۈشۈپ جەڭ قىلىش تەپەككۇر قارىشىنى يېڭىلاپ، ئۇرۇش قىلىش شەكلى ۋە ئەسكىرىي كۈچتىن پايدىلىنىش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، پاراشۇتچى ئەسكەرلەر قىسمىنىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەللىكىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ئاساسىي مەشىق ۋە مۇھىم، قىيىن تۈرلەر بويىچە مەخسۇس بولغان سەرخىل مەشىقنى ياخشى تۇتۇپ، مەۋقەنى مۇرەككەپ، قىيىن شارائىتلارغا قويۇپ، پۈتۈن ئامىللىق، سىستېمىلاشقان، ئەمەلىي ئۆرنەك مەشىقىنى كۈچەيتىپ، باشقا ئارمىيە ئەسكەر تۈرى قىسىملىرى بىلەن ماسلىشىپ مەشىقلىنىش سالمىقىنى زورايتىپ، ئۇرۇش قىلىش بىلەن مەشىقنى چوڭقۇر بىرلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، بىرلەشمە قوماندانلىق قىلىش، بىرلەشمە ھەرىكەتلىنىش، بىرلەشمە كاپالەتلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: سىستېما قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، بوشلۇقتىن چۈشۈپ جەڭ قىلىش كۈچلىرى قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ كۈچەيتىپ، پۈتۈن زەنجىر بويىچە كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، سىستېمىلاشقان ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. يېڭى سۈپەتلىك جەڭگىۋار كۈچ قۇرۇلۇشى ئەمەلىيىتى ئۈستىدە ئىزدىنىشنى كۈچەيتىپ، ئىلغار پەن ـ تېخنىكا نەتىجىلىرىدىن پايدىلىنىپ پاراشۇتچى ئەسكەرلەر قىسمى قۇرۇلۇشىغا كۈچ قوشۇپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇپ، جەڭگىۋار كۈچ شەكىللەندۈرۈش ئەندىزىسىنىڭ ئۆزگىرىشىگە يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك. دىققەتنى ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، بوشلۇقتىن چۈشۈپ جەڭ قىلىش يادرولۇق ئىقتىدارىنى چىڭ تۇتۇپ، «14 ـ بەش يىللىق» يىرىك پىلاندىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بەلگىلەنگەن نىشاننى قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مەۋقەنى ھازىرغا قويۇش، يىراق كەلگۈسىنى كۆزلەشتە چىڭ تۇرۇپ، پاراشۇتچى ئەسكەرلەر قىسمى قۇرۇلۇشىنى پىلانلاش ۋە لايىھەلەشنى كۈچەيتىپ، نىشان خەرىتىسى، يول خەرىتىسى، قۇرۇلۇش خەرىتىسىنى ئىلمىي تۈزۈش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: مەركىزىي ھەربىي كومىتېت سىياسىي خىزمەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۇختا، ياخشى تۇتۇپ، سىياسىي خىزمەتنىڭ كۈچ ـ قۇدرىتىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پاراشۇتچى ئەسكەرلەر قىسمى قۇرۇلۇشىنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك. سىياسىي جەھەتتىن تەرتىپكە سېلىش ۋە تەلىم بېرىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ ۋە پۇختىلاپ، سىياسىي جەھەتتە قەتئىي، ئىقتىدارى قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان كۈچلۈك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى تاۋلاپ چىقىپ، ئوفىتسېر ـ ئەسكەرلەرنىڭ ئەتراپىدىكى چىرىكلىك مەسىلىلىرى ۋە ناتوغرا ئىستىللارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، قەھرىمان قىسىمنىڭ باشتىن ـ ئاخىر پاك بولۇپ شان ـ شەرەپ قۇچۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەم، تېخىمۇ قاتتىق تەلەپتە چىڭ تۇرۇپ، كۈرەش قىلىش روھى يېتىلدۈرۈشنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ، ئەمەلىيەت داۋامىدا چېنىقىش ۋە چېنىقىپ تاۋلىنىپ چىقىشنى كۈچەيتىپ، پاراشۇتچى ئەسكەرلەرگە خاس جاسارەت ۋە غەيرەتنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئارمىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىش تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەربىيەلەش، باشقۇرۇشنى چىڭىتىپ، مۇنتىزىم تەرتىپنى ساقلاپ، قىسىمنىڭ يۈكسەك مەركەزلەشكەن بىرلىكى ۋە بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىكلەر ئېغىرلىق مەركىزىنى تۆۋەنگە يۆتكەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇش، ئاساس سېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن ئوفىتسېر ـ ئەسكەرلەرنى غەم ـ ئەندىشىدىن خالاس قىلىپ، كەڭ ئوفىتسېر ـ ئەسكەرلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش ئاكتىپلىقىنى ئۇرغۇتۇپ، بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ پاراشۇتچى ئەسكەرلەر قىسمى قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىش كېرەك.

خې ۋېيدۇڭ قاتارلىقلار پائالىيەتكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ