شىنجاڭدىكى 2-دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى 428 دوختۇرخانا تېببىي تەكشۈرۈش-ئانالىز قىلىش نەتىجىسىنى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىشنى ئىشقا ئاشۇردى

2024.11.05 15:29 مەنبە: خەلق تورى

مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، ھازىرغا قەدەر، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى A3 دەرىجىلىك 41 دوختۇرخانا 377 تۈرلۈك تەكشۈرۈش-ئانالىز قىلىش تۈرىنى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرگەن ھەم باشقا 2-دەرىجىلىك ھەم ئۇنىڭدىن يۇقىرى دەرىجىلىك 387 داۋالاش ئاپپاراتىنى تەدرىجىي قاپلاپ، داۋالاش بايلىقىدىن پايدىلىنىش نىسبىتىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈپ، ئاممىنىڭ داۋالىنىش يۈكىنى يېنىكلىتىپ، ئاممىنىڭ داۋالىنىش جەھەتتىكى ئېرىشىش تۇيغۇسىنى يەنىمۇ ئاشۇرغان.

بۇ يىل 8 ـ ئايدا، «تېببىي تەكشۈرۈشنى تەكرار ئېلىپ بېرىش، ئاممىنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىش» مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ـ ساغلاملىق كومىتېتى «ئاپتونوم رايوننىڭ تېببىي تەكشۈرۈش ـ ئانالىز قىلىش نەتىجىسىنى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىش خىزمىتىنى يولغا قويۇش لايىھەسى»نى ئېلان قىلىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ تەجرىبىخانىلارنىڭ سۈپەت باھالاش كۆرسەتكۈچىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان تۇنجى تۈركۈمدىكى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىنىدىغان 377 تۈرنى بېكىتتى، بۇنىڭ ئىچىدە، تەكشۈرۈش تۈرىدىن 40ى، تەسۋىر تۈرىدىن 297ى، ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى تۈرىدىن 40ى بار. پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە 14 ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)دىكى A3 دەرىجىلىك 41 دوختۇرخانا (ھۆكۈمەت قارىمىقىدىكى 39 دوختۇرخانا، پۇقراۋى ئىگىلىكتىكى ئىككى دوختۇرخانا)نىڭ ئومۇميۈزلۈك ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىشى ئاساسىدا، ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت، ناھىيە، يېزا، كەنتتىن ئىبارەت بەش دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتلىرى ئارا، بىڭتۈەن ۋە 25 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردىكى A3 دەرىجىلىك دوختۇرخانىلار ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى.

10-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى 2-دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى دەرىجىلىك 428 دوختۇرخانا تەكشۈرۈش-ئانالىز قىلىش تۈرلىرىنى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جەمئىي 90 مىڭ ئادەم (قېتىم)دىن ئارتۇق، 137 مىڭ پارچە تەكشۈرۈش نەتىجىسىىنى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىپ، ئاغرىقلارنىڭ 13 مىليون يۈەندىن ئارتۇق داۋالىنىش خىراجىتىنى تېجەپ بەردى.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ