14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 12-يىغىنى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا 1-ئومۇمىي يىغىن ئاچتى. كومىتېت باشلىقى جاۋ لېجى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەردىن 158 كىشى يىغىنغا قاتناشتى، يىغىنغا قاتناشقانلار سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.
يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى شۈ خۇي بەرگەن ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەنلەر مائارىپى قانۇن لايىھەسىگە قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. لايىھەنىڭ 3-قېتىم قاراپ چىقىلغان نۇسخىسىدا، دۆلەتنىڭ ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەنلەر مائارىپى كاپالىتى مېخانىزمى ئورنىتىشى ۋە تاكامۇللاشتۇرۇشى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، ئائىلىدە بېقىش-تەربىيەلەش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش؛ ئالاقىدار بىخەتەرلىكنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش؛ ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن بالىلارنىڭ ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان ئەسەر، مەھسۇلات ۋە تەتقىقات نەتىجىلىرىنى يارىتىش ۋە كېڭەيتىشكە ئىلھام بېرىشكە ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنى كۆپەيتىش؛ ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن بالىلارغا چېتىلىدىغان شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلىش ھەرىكىتى قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن بالىلارنىڭ نام-شۆھرىتى، شەخسىيىتى ۋە باشقا قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش؛ يەسلى ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنى باشقۇرۇشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىقلار بېكىتىلدى.
يىغىندا ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلار كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى شىن چۈنيىڭ بەرگەن مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىگە قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. لايىھەنىڭ 3-قېتىم قاراپ چىقىش نۇسخىسىدا، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى بېكىتىش تۈزۈمىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش خىزمىتىنىڭ قانۇنچىللىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش؛ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى يىغىپ ساقلىغۇچى ئورۇنلارنىڭ دىققەت قىلىش مەجبۇرىيىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش؛ دۆلەت پۇقرالار ۋە تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنلۇق يىغىپ ساقلىشىغا ئىلھام بېرىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىنى كۆپەيتىپ، خەلق ئىچىدىكى يىغىپ ساقلاش ھەرىكىتىگە بولغان يېتەكچىلىك، باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت قىلىشنى كۈچەيتىش؛ چېگرادىن چىقىرىش چەكلەنگەن مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ كونكرېت دائىرىسىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇش قاتارلىقلار بېكىتىلدى.
يىغىندا ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى ۋاڭ خۇڭشياڭ بەرگەن قېزىلما بايلىق قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىگە قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. لايىھەنىڭ 3-قېتىم قاراپ چىقىش نۇسخىسىدا، ئاساسىي گېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ مەزمۇنىنى بېيىتىش؛ قېزىلما بايلىق ساھەسىدىكى خەلقئارا ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش مەزمۇنىنى كۆپەيتىش؛ كانچىلىق يېرىنى ئىشلىتىش تۈزۈمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ قېزىلما بايلىقنى قېزىشتىن شەكىللەنگەن قالدۇق قېزىلما ئامبىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بىخەتەرلىك خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش؛ كان رايونلىرىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش قاتارلىقلار بېكىتىلدى.
يىغىندا ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى جوۋ گۇاڭچۈەن بەرگەن ئېنېرگىيە قانۇنى لايىھەسىگە قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. لايىھەنىڭ 3-قېتىم قاراپ چىقىش نۇسخىسىدا، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە ساھەسىنىڭ يېڭى تىپتىكى ئۆلچەم سىستېمىسى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش، توختام بويىچە ئېنېرگىيە باشقۇرۇش قاتارلىق بازارلاشقان ئېنېرگىيە تېجەش مۇلازىمىتىگە دائىر بەلگىلىمىلىرىنى پائال كېڭەيتىش؛ ئېنېرگىيە ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ «ئېنېرگىيە ئېھتىياجىغا ئىنكاس قايتۇرۇش»قا پائال قاتنىشىشىنى بەلگىلەپ، ئېنېرگىيە ئىشلەتكۈچىلەرنى ئېنېرگىيە تېجەشنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشكە يېتەكلەش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىنى كۆپەيتىش قاتارلىقلار بېكىتىلدى.
يىغىندا ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى خۇاڭ مىڭ بەرگەن پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇش قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىگە قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. لايىھەنىڭ 3-قېتىم قاراپ چىقىلغان نۇسخىسىدا، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ پۇل يۇيۇش خەۋپ-خەتىرىنى باشقۇرۇش تەدبىرىنى قوللىنىش شەرتىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇش؛ پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇش ئۇچۇرىدىن ھەمبەھرىلىنىش ئۇچۇر قوغداشقا ئالاقىدار قانۇنلاردىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولۇش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىنى كۆپەيتىش؛ پۇل يۇيۇش خەۋپ-خەتىرىنى باشقۇرۇش تەدبىرى مۇئامىلىدارلارنىڭ ئاساسىي، زۆرۈر بولغان پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىگە چېتىلسا، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىنى كۆپەيتىش قاتارلىقلار بېكىتىلدى.
يىغىندا ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى شېن چۈنياۋ بەرگەن نازارەتچىلىك قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىگە قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. لايىھەنىڭ 2-قېتىم قاراپ چىقىش نۇسخىسىدا، يىللىق نازارەتچىلىك خىزمىتى پىلانىغا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ مۇھىت ئەھۋالى ۋە مۇھىت ئاسراش نىشانىنىڭ ئورۇنلىنىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات، ھۆكۈمەت قەرزىنى باشقۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات قاتارلىق مەزمۇنلارنى ھەر يىلى ئاڭلاپ ئۆتۈش ۋە قاراپ چىقىشنى كۆپەيتىش؛ قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش جەريانىدىكى ياخشى ئەمەلىي ئۇسۇللارنى قانۇندا ئايدىڭلاشتۇرۇش؛ ئەنگە ئېلىش-تەكشۈرۈش بويىچە جىپسىلاشتۇرۇش، بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىش مېخانىزمىغا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنى كۆپەيتىش قاتارلىقلار بېكىتىلدى.
باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش تۈزۈم سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش ئۈچۈن، يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى خىزمىتىنىڭ ئەمەلىي تەجرىبىلىرىنى ئەستايىدىل يەكۈنلەش ئاساسىدا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى ۋەكىللەر قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىنى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى. كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن، دائىمىي كومىتېت قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شېن چۈنياۋ ئىزاھات بەردى.
چەت ئەلگە ئالاقىدار قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە، خەلقئارادا ئورتاق قوللىنىلىۋاتقان قائىدە بىلەن يۇغۇرۇلغان كېسىم قانۇن-تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان ئالدىنقى قاتاردىكى تىجارەت-سودا مۇھىتى يارىتىش ئۈچۈن، گوۋۇيۈەن كېسىم قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىنى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپ لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. گوۋۇيۈەننىڭ ھاۋالىسى بىلەن، ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى خې رۇڭ ئىزاھات بەردى.
سۇ تىرانسپورتى ۋە سودىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، دېڭىز-ئوكيان كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىغا كۈچ قوشۇش ئۈچۈن، گوۋۇيۈەن دېڭىز سودىسى قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىنى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپ لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. گوۋۇيۈەننىڭ ھاۋالىسى بىلەن خې رۇڭ ئىزاھات بەردى.
پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن-تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن، گوۋۇيۈەن پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىنى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى. گوۋۇيۈەننىڭ ھاۋالىسى بىلەن، پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى يىن خېجۈن ئىزاھات بەردى.
ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى يەنىمۇ ئۆزگەرتىپ، تىجارەت-سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، نۇقتىدا سىناق قىلىش تەجرىبىلىرىنى تېخىمۇ ياخشى خۇلاسىلەش ئۈچۈن، گوۋۇيۈەن گوۋۇيۈەننىڭ تىجارەت-سودا مۇھىتىدا يېڭىلىق يارىتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىدىغان شەھەرلەردە ئۆلچەم قانۇنىنى تەتبىقلاشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنى ۋاقىتلىق تەڭشەش ھوقۇقىنى ئۇزارتىش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى. گوۋۇيۈەننىڭ ھاۋالىسى بىلەن، دۆلەت بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى لو ۋېن ئىزاھات بەردى.
يىغىندا گوۋۇيۈەننىڭ يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قەرز چېكىنى كۆپەيتىپ، ساقلانما يوشۇرۇن قەرزنىڭ ئورنىغا ئالماشتۇرۇشنى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپ لايىھەسى قاراپ چىقىلدى. گوۋۇيۈەننىڭ ھاۋالىسى بىلەن، مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى لەن فوئەن ئىزاھات بەردى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى شۈ خۇڭسەي بۇ تەكلىپنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى توغرىسىدا دوكلات بەردى.
يىغىندا گوۋۇيۈەننىڭ «<تاشلاندۇق ۋە باشقا ماددىلارنى تۆكۈپ دېڭىز-ئوكيانلارنى بۇلغاشنىڭ ئالدىنى ئېلىش توغرىسىدىكى ئەھدىنامە>نىڭ 1996-يىللىق كېلىشىمنامىسى>دىكى يۇندى، لاي-لاتقىلارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى»نى قاراپ چىقىپ تەستىقلاشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپ لايىھەسى قاراپ چىقىلدى. گوۋۇيۈەننىڭ ھاۋالىسى بىلەن، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى خۇاڭ رۈنچيۇ ئىزاھات بەردى.
يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى رېۋىزىيە ۋە ئەدلىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى ياڭ شياۋچاۋ، مۇھىت ۋە بايلىق قوغداش كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى لۇ شىنشې، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى دۇ جياخاۋ، جەمئىيەت قۇرۇلۇشى كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى ياڭجېنۋۇ ئايرىم-ئايرىم بەرگەن 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى قاراپ چىقىشقا تاپشۇرغان ۋەكىللەر ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپلەرگە قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.
يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋەكىللەرنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى ياڭ شياۋچاۋ بەرگەن ئايرىم ۋەكىللەرنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.
يىغىندا يەنە ۋەزىپىگە تەيىنلەش ۋە ۋەزىپىدىن قالدۇرۇشقا ئالاقىدار لايىھە قاراپ چىقىلدى.
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرىدىن لى خۇڭجۇڭ، ۋاڭ دۇڭمىڭ، شياۋ جيې، جېڭ جيەنباڭ، دىڭ جۇڭلى، خاۋ مىڭجىن، سەي دافېڭ، خې ۋېي، ۋۇ ۋېيخۇا، تيې نىڭ، پېڭ چىڭخۇا، جاڭ چىڭۋېي، لوساڭ جياڭسۈن، شۆھرەت زاكىر، باش كاتىپ ليۇ چى يىغىنغا قاتناشتى.
گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ليۇ گوجۇڭ، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى جاڭ جۈن، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى يىڭ يۇڭ، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىدىكى مەسئۇل يولداشلار، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ھەرقايسى مەخسۇس كومىتېتلىرىنىڭ ئەزالىرى، ھەرقايسى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، قىسمەن مۇئاۋىن ئۆلكە دەرىجىلىك شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قىسمەن ۋەكىللىرى، ئالاقىدار تارماقلاردىكى مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.