11-ئاينىڭ 4-كۈنى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ شاڭخەيدە 7-نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت يەرمەنكىسىگە قاتناشقان كارخانىلار، سېتىۋېلىش سودىگەرلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى، شىنسى پەن-تېخنىكىسى، خەيكېسىكاڭ، ھەممىباب ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى، SK گۇرۇھى، موشادۇڭ، جۇڭگو 1-ئاپتوموبىل گۇرۇھى، شياۋمى قاتارلىق كارخانىلارنىڭ مەسئۇللىرى قاتناشتى.
سۆھبەتكە قاتناشقان كارخانا ۋەكىللىرى مۇنداق بىلدۈردى: بىز جۇڭگونىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا بىۋاسىتە قاتناشتۇق ھەم گۇۋاھ بولدۇق، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ بازار ئىجازىتىنى سىجىل كەڭ قويۇۋېتىش، تىجارەت-سودا مۇھىتىنى ياخشىلاش، كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش جەھەتتە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى ئالقىشلايمىز. جۇڭگونىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشىۋە ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشى، بولۇپمۇ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇشى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىشى جۇڭگودىكى چەت ئەل كارخانىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈرلۈك كارخانىلارغا تېخىمۇ كۆپ تەرەققىيات پۇرسىتى ئېلىپ كېلىدۇ. چەت ئەل مەبلىغى كارخانىلىرى ۋەكىللىرى جۇڭگو بازىرىغا ئۈمىدۋار قارايدىغانلىقىنى ھەم ئۇنى سىجىل چوڭقۇر قېزىپ، جۇڭگودىكى مەبلەغ سېلىشنى كېڭەيتىپ، يېڭىلىق يارىتىش ۋە يۇغۇرما تەرەققىياتنى تېزلىتىپ، دۇنياۋى ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
لى چياڭ كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، كارخانىلارنىڭ جۇڭگو-چەت ئەل ئىقتىساد-سودا ئالاقىسىگە تۈرتكە بولۇش، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن قوشقان پائال تۆھپىسىنى تەرىپلىدى. لى چياڭ مۇنداق بىلدۈردى: ئىمپورت يەرمەنكىسى پۈتۈن دۇنيا ئورتاق بەھرىلىنىدىغان خەلقئارالىق ئاممىۋى مەھسۇلاتقا ۋە جۇڭگونىڭ دۇنيا بىلەن قوش يۆنىلىشلىك ئاتلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان مۇھىم سۇپىغا ئايلاندى. خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازىسى بارغانسېرى كەڭ ئېچىۋېتىلىدۇ. ھازىر دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ جانلىنىشى ئاجىز، ئېشىش ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى يېتەرلىك بولمىغان ئارقا كۆرۈنۈشتە، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىشى ئومۇمىي جەھەتتىن تەكشى ھەم مۇقىم بولۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەۋاتىدۇ، بىزنىڭ ئىقتىسادنىڭ سىجىل قايتا ئۆرلەپ ياخشىلىنىشى، بازارنىڭ ئۈزلۈكسىز كېڭىيىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ھەرقايسى دۆلەت كارخانىلىرىغا تېخىمۇ سودىنى كېڭەيتىش، مەبلەغ سېلىپ كەسىپنى گۈللەندۈرۈش، يېڭىلىق يارىتىپ ئەمەلىي قوللىنىشتەك كەڭ تەرەققىيات يېڭى بوشلۇقى يارىتىپ بېرىش ئىقتىدارىمىز بار، جۇڭگو بازىرى يەنىلا ھەرقايسى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئەڭ ياخشى تاللىشىنىڭ بىرى. جۇڭگو بازار ئىجازىتىنى يەنىمۇ قويۇۋېتىپ، تېلېگراف، مائارىپ، مەدەنىيەت، داۋالاش قاتارلىق ساھەلەرنىڭ ئېچىۋېتىشنى تەرتىپلىك كېڭەيتىشىگە تۈرتكە بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، تىجارەت-سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، كارخانىلار كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە ۋاقتىدا جاۋاب قايتۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، مۇھىم ئامىللارغا ئېرىشىش، سالاھىيەت ئىجازىتى، ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىشقا قاتنىشىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئادىل پۇرسەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.
لى چياڭ مۇنداق بىلدۈردى: چەت ئەل مەبلىغى كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگو بازىرىدا داۋاملىق يىلتىز تارتىپ، تېخىمۇ كۆپ يۇقىرى سۈپەتلىك تاۋار ۋە مۇلازىمەتنى جۇڭگوغا ئېلىپ كېلىشىنى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، جۇڭگولۇق سېتىۋېلىش سودىگەرلىرى قاتارلىق كارخانىلار بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگونى ئېكسپورت قىلىدىغان جاي قىلىپلا قالماي، يەنە مۇھىم مەبلەغ سالىدىغان جاي، ئىگىلىك تىكلەيدىغان جاي قىلىپ، جۇڭگو بىلەن دۇنيا بازىرىنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئۇدۇللىشىشىغا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. جۇڭگو ۋە چەت ئەل كارخانىچىلىرىنىڭ ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنى داۋاملىق قەتئىي قوللاپ، دۇنيا مىقياسىدا بايلىقنى بىرىكتۈرۈپ، كەسىپلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، بازارنى كېڭەيتىپ، سودا، مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقى ۋە كەسىپ ئىش تەقسىماتى ھەمكارلىقىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۇنياۋى كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىنىڭ مۇقىم، راۋان بولۇشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشى ۋە ئەركىن سودىنى قوغدىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. كۆپچىلىكنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن-تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشىنىڭ چوڭ يۈزلىنىشىگە ئۇيغۇنلىشىپ، بىرلىشىپ تەتقىق قىلىپ ئېچىش، ماسلىشىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىپ، تېخنىكا تەرەققىياتى ۋە كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە ئورتاق تۈرتكە بولۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى يېتىلدۈرۈشى ۋە زورايتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
چېن جىنىڭ، ۋۇ جېڭلۇڭ قاتارلىقلار سۆھبەتكە قاتناشتى.