يېقىندا، ئىسلاھاتنىڭ نەپ يەتكۈزۈش دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىش ئۈچۈن، گۇڭئەن مىنىستىرلىقى 11-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن 12-ئاينىڭ 2-كۈنىگىچە پۈتۈن مەملىكەتتە ئۈچ تۈركۈمگە بۆلۈپ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ يول يۈرۈش كىنىشكىسىنى ئېلېكتىرونلاشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئومۇملاشتۇرۇپ، ئىش بېجىرىش رەسمىيىتى ماتېرىياللىرىنى يەنىمۇ ئاددىيلاشتۇرۇپ، كىنىشكا ئىشلىتىشنىڭ قولايلىشىش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئاممىنىڭ ئىش بېجىرىش، سەپەرگە چىقىشىغا تېخىمۇ ياخشى قولايلىق يارىتىشنى ئورۇنلاشتۇردى.
گۇڭئەن مىنىستىرلىقىنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، شىخەنزە شەھىرى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدا 11-ئاينىڭ 4-كۈنى كېڭەيتىپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ، ئالتاي ۋىلايىتى، قاراماي شەھىرى، تۇرپان شەھىرى، قومۇل شەھىرى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدا 11-ئاينىڭ 18-كۈنى كېڭەيتىپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ، ئاقسۇ ۋىلايىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى، قەشقەر ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتىدە 12-ئاينىڭ 2-كۈنى كېڭەيتىپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ. ئاپتوموبىل ئىگىلىرى ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇشىغا سېلىشتۇرۇپ، «قاتناش باشقۇرۇش 12123» APPسى ئارقىلىق ئېلېكتىرونلۇق يول يۈرۈش كىنىشكىسىنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ئېلېكتىرونلۇق يول يۈرۈش كىنىشكىسى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرى، تارباغاتاي ۋىلايىتىدە سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلغانىدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى ۋە شوپۇرلارنىڭ سانى يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىش ۋەزىيىتىنى ساقلىغان، 2024-يىل 5-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايون بويىچە موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ سانى 8 مىليون 93 مىڭغا يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئاپتوموبىل 6 مىليون 362 مىڭغا، شوپۇر 9 مىليون 231 مىڭ ئادەمگە يەتكەن.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل 7-ئاينىڭ 1-كۈنى گۇڭئەن مىنىستىرلىقى قاتناش باشقۇرۇش ئىسلاھاتى بويىچە سەككىز تۈرلۈك يېڭى تەدبىرنى يولغا قويغاندىن بۇيان، 100 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق نەپ يەتكۈزۈپ، ئاممىۋى كارخانىلارنىڭ 3 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق يۈكىنى يېنىكلەتكەن. ھەرقايسى جايلار «قاتناش باشقۇرۇش 12123» APP سى ئارقىلىق 50 مىليون قېتىمدىن ئارتۇق دەل جايىدا يېتەكلەش-بېجىرىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتكەن.