لى چياڭ شاڭخەيدە ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلار خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئېھتىياجىغا پائال ماسلىشىپ، كەسپىي مائارىپ ۋە ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىش كېرەك

2024.11.04 16:06 مەنبە: خەلق تورى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى چياڭ 11-ئاينىڭ 3-كۈنى شاڭخەيدە كەسپىي مائارىپ ۋە ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئالاقىدار مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئېھتىياجىغا پائال ماسلىشىپ، كەسپىي مائارىپ ۋە ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى روھى، ئەمگەك روھى، ھۈنەرۋەن روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، تىرىشىپ تېخىمۇ كۆپ يۇقىرى ساپالىق ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش كېرەك، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تۇرمۇشنى پۇختا تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

لى چياڭ ئالدى بىلەن شاڭخەي نەنخۇ كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىنىڭ ئەمەلىي مەشىق بازىسىغا كېلىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەق مەيدان مەشغۇلاتىنى كۆزدىن كەچۈردى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، شۆيۈەننىڭ كەسىپ قۇرۇلۇشى قاتارلىقلار توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىدى. لى چياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىر ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارغا بولغان ئېھتىياجى تېخىمۇ تەخىرسىز بولماقتا، ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىكىلەر قابىل ھۈنەرۋەنلەردىن ئايرىلالمايدۇ. ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇشنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى، مەكتەپ بىلەن كارخانىنىڭ ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جەمئىيەتنىڭ ئېھتىياجى ۋە كەسىپنىڭ تەرەققىيات ئەمەلىيىتىگە ئاساسەن پەن، كەسىپ تەسىس قىلىشنى ئەلالاشتۇرۇپ، ماھارەت ئەمەلىي مەشغۇلاتى ئارقىلىق چېنىقىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كەسپىي مائارىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئىختىساسلىقلار بىلەن تەمىنلەش ۋە ئېھتىياجنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك ماسلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ماھارىتى يۇقىرى، ئوقۇتۇش-تەتقىقاتنى قىزغىن سۆيىدىغان تېخىمۇ كۆپ ئوقۇتقۇچىلارنى سەپلەپ، ئوقۇتۇش ئەندىزىسى ۋە ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئوقۇغۇچىلارنى ھەم بىرەر ماھارەت ئىگىلەش، ھەم ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى ئۆستۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ئۇلارنىڭ بازار ئۆزگىرىشىگە ماسلىشىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن-تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشى يۈزلىنىشىنى ئىگىلەپ، پەن-تېخنىكىنىڭ ئالدىنقى سېپى ۋە خەلقئارادا بىرىنچى قاتاردا تۇرۇشنى كۆزلەپ، نەزەرىيە ساپاسى يۇقىرى، ئەمەلىيەت ئىقتىدارى كۈچلۈك بولغان تېخىمۇ كۆپ «ئالىي، قابىل، كەمچىل» ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن-تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچ قوشۇش كېرەك. لى چياڭ مۇنداق دېدى: ياشانغاندا كۈتۈنۈش، ھاۋالىلىك بېقىش، داۋالاش، پەرۋىش قىلىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرگە بولغان ئېھتىياج كۈنسېرى ئېشىۋاتىدۇ، ئالاقىدار ساھەلەردىكى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ، كەسىپلىشىش، كەسپىيلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ كۆپ خىللاشقان، كۆپ قاتلاملىق خەلق تۇرمۇشى ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئۈنۈملۈك كېڭەيتىش، ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

دۇنيا ماھارەت مۇزېيىدا، لى چياڭ مۇزېينىڭ قۇرۇلۇش-تىجارىتى، دۆلىتىمىزنىڭ دۇنيا ماھارەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلىش ۋە مۇكاپاتقا ئېرىشىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى ھەمدە مۇسابىقىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن ماھىرلار بىلەن پاراڭلاشتى. لى چياڭ مۇنداق دېدى: سىلەر مۇسابىقىدە ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، دۆلىتىمىزدىكى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنىڭ سالاپىتىنى تولۇق نامايان قىلدىڭلار، سىلەر جانلىق ھېكايەڭلەر ۋە ئۈلگە كۆرسىتىش ئېففېكتىڭلار ئارقىلىق، تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ ماھارەت ئۆگىنىشنى خالىشى، ماھارەتنى ياخشى ئۆگىنىشى، ماھارەت ئارقىلىق ئىختىساسلىقلاردىن بولۇش، ماھارەت ئارقىلىق ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش يولىدا مېڭىشىغا تۈرتكە بولۇشۇڭلار كېرەك. لى چياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، كۆڭۈل بۆلۈپ، قوللاش، كاپالەتلەندۈرۈش سىياسىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش ۋە سېلىنما سالمىقىنى زورايتىشى كېرەك. ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنىڭ تەرەققىيات يىرىك پىلانى ۋە مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يولىنى كېڭەيتىپ، كەسپىي سالاھىيەت، ماھارەت دەرىجىسى قاتارلىق كۆپ مەنبەلەشكەن باھالاش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنىڭ ئىش ھەققى تەمىناتىنى ئۆستۈرۈپ، ماھارەتلىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىستىقبالغا، ئۈمىدكە ئىگە قىلىش كېرەك. كارخانىلارنى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ۋە ئۇلاردىن ياخشى پايدىلىنىشقا يېتەكلەپ، ھەقىقىي تۈردە ماھارىتى يۇقىرىلارنى كۆپ ئېرىشىش، كۆپ ئىشلىگۈچىلەرنى كۆپ ئېرىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى تەقدىرلەش، مۇكاپاتلاشنى كۈچەيتىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى ئېتىراپ قىلىشى، قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشىنى كۈچەيتىپ، ئەمگەككە ھۆرمەت قىلىدىغان، ماھارەتنى قەدىرلەيدىغان قويۇق كەيپىيات يارىتىش كېرەك.

چېن جىنىڭ، ۋۇ جېڭلۇڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ