شى جىنپىڭ ئىسپانىيەدە ئېغىر قارا يامغۇر، كەلكۈن ئاپىتى يۈز بەرگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىسپانىيە پادىشاھى فىلىپ − 6گە ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2024.11.04 10:27 مەنبە: خەلق تورى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 2 - كۈنى تېلېگراممىسى 11 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئىسپانىيەدە ئېغىر قارا يامغۇر، كەلكۈن ئاپىتى يۈز بەرگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىسپانىيە پادىشاھى فىلىپ − 6گە ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: ئىسپانىيەدىكى نۇرغۇن جايدا ئېغىر قارا يامغۇر، كەلكۈن ئاپىتى يۈز بېرىپ، ئېغىر دەرىجىدە ئادەم ئۆلۈش - يارىلىنىش ۋە مال - مۈلۈك زىيىنى پەيدا قىلغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ چۆچۈدۈم. مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن بەختسىزلىككە ئۇچرىغانلارغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمەن، بەختسىزلىككە ئۇچرىغانلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى ۋە يارىلانغانلاردىن سەمىمىي ھال سورايمەن. ئىشىنىمەنكى، پادىشاھ فىلىپ ۋە دۆلىتىڭلار ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ئاپەت رايونىدىكى خەلق چوقۇم ئاپەت ئۈستىدىن بالدۇر غەلىبە قىلىپ، يۇرت - ماكانىنى قايتا قۇرۇپ چىقالايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ