شىنجاڭدىكى بۇ شەخس ۋە كوللېكتىپلارنىڭ مەملىكەت بويىچە تەقدىرلەنگەنلىكىنى تەبرىكلەيمىز!

2024.11.01 14:59 مەنبە: خەلق تورى

10-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن 26-كۈنىگىچە، 15-قېتىملىق مەملىكەتلىك خەلق ئىشلىرى يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. يىغىندا پۈتۈن مەملىكەت بويىچە خەلق ئىشلىرى سىستېمىسىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەر تەقدىرلەندى. شىنجاڭدىن بەش ئورۇن «پۈتۈن مەملىكەت بويىچە خەلق ئىشلىرى سىستېمىسىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ» دېگەن نامغا، ئۈچ شەخس «پۈتۈن مەملىكەت بويىچە خەلق ئىشلىرى سىستېمىسىدىكى ئەمگەك نەمۇنىچىسى» دېگەن نامغا، ئىككى شەخس «پۈتۈن مەملىكەت بويىچە خەلق ئىشلىرى سىستېمىسىدىكى زامانىۋى خىزمەتچى» دېگەن نامغا ئېرىشتى. «مەملىكەت بويىچە خەلق ئىشلىرى سىستېمىسىدىكى ئىلغار خىزمەتچى» ۋە «مەملىكەت بويىچە خەلق ئىشلىرى سىستېمىسىدىكى ئەمگەك نەمۇنىچىسى» ئۆلكە، مىنىستىرلىق دەرىجىلىك تەقدىرلەش، مۇكاپاتلاشقا ئېرىشكۈچى مۇئامىلىسىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ