لياۋنىڭ ۋە شەندۇڭ ناملىق ئاۋىياماتكىلارنىڭ قوش ئاۋىياماتكا سەپ تۈزۈش مانېۋىرى تۇنجى قېتىم قانات يايدۇرۇلدى

2024.11.01 14:54 مەنبە: خەلق تورى

يېقىندا، دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ لياۋنىڭ ناملىق ئاۋىياماتكا ئەترىتى يىللىق يىراق دېڭىزدا ئەمەلىي جەڭ قىلىش مەشقىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، باش پورتقا بىخەتەر، ئوڭۇشلۇق قايتىپ كەلدى.

مەشىق مەزگىلىدە، سەپ تۈزۈپ خۇاڭخەي دېڭىزى، دۇڭخەي دېڭىزى، نەنخەي دېڭىزى قاتارلىق كۆپلىگەن دېڭىز تەۋەلىكىگە يۆتكىلىپ جەڭ قىلىپ، ئەمەلىي ئۇرۇش ئارقا كۆرۈنۈشىدىكى كۆپ تۈر بويىچە ئۇنىۋېرسال مانېۋىرنى قانات يايدۇردى، ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر پۈتۈن مۇساپىدە يۈكسەك ھوشيار تۇرىدىغان، ھەر ۋاقىت ئىنكاس قايتۇرىدىغان ئۇرۇش قىلىش ھالىتىنى ساقلىدى. نەنخەيدىكى مەلۇم دېڭىز تەۋەسىدە، لياۋنىڭ، شەندۇڭ ناملىق ئاۋىياماتكا ئەترىتى تۇنجى قېتىم قوش ئاۋىياماتكا ئەترىتى مانېۋىرىنى قانات يايدۇرۇپ، ئاۋىياماتكا سېپى سىستېمىسىنىڭ ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىنى تاۋلىدى ۋە ئۆستۈردى.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ