سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 27-قېتىملىق رەئىسلەر يىغىنى 10-ئاينىڭ 30-كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ رىياسەتچىلىك قىلدى ھەمدە سۆز قىلدى.
يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېقىندا قىلغان مۇھىم سۆزى ۋە يوليورۇقىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى ۋە ئۆگىنىلدى. ۋاڭ خۇنىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى تەبرىكلەش يۈرۈشلۈك پائالىيىتىدە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ۋە ھەر مىللەت، ھەر ساھە زاتلىرىنى يېڭى دەۋردىكى ئۇلۇغ ئۆزگىرىش ۋە يېڭى سەپەردىكى ئۇلۇغ ئەمەلىيەت داۋامىدا «ئىككىنى تىكلەش» نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۆلەت ۋە خەلق ئۈچۈن مەسئۇلىيىتىنى تولۇق، تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىشقا ئىتتىپاقلاشتۇرۇش ۋە يېتەكلەش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۆلكە، مىنىستىرلىق دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مەخسۇس مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنى ئىسلاھاتتىكى مۇھىم نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى چۆرىدەپ داۋاملىق چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، ئىسلاھاتنى يەنىمۇ ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن چارە-تەدبىر كۆرسىتىش، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەشكە تەشكىللىشى كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيەت توغرىسىدىكى ئىلمىي ھۆكۈمى ۋە تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل قايتا يۈكسىلىپ ياخشىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئەقىل-پاراسەت ۋە كۈچ توپلاش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى بويىچە تەقدىرلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنى جۇڭخۇا مىللىتى تارىخى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسىگە دائىر نەزەرىيە تەتقىقاتى، تەشۋىقاتى ۋە چۈشەندۈرۈشنى كۈچەيتىشكە تەشكىللەپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى كۈچەيتىشكە يېتەكلەش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 17-قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىگە رىياسەتچىلىك قىلغاندا سۆزلىگەن مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئۈچۈن ياخشى تەدبىرلەرنى كەڭ دائىرىدە توپلاش، ئورتاق تونۇشنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاشقى ئالاقە خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ ئەۋزەللىكى ۋە رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، دۇنياغا جۇڭگو ھېكايىسى، جۇڭگو خەلقىنىڭ دېموكراتىيە ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش كېرەك.
يىغىندا «سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ ئۇللۇق رولىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇش توغرىسىدىكى پىكرى»، «سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ نىشانلىق كېڭىشىش خىزمىتى قائىدىسى» قاتارلىقلار قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى تەبرىكلەش يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەش ۋە قانات يايدۇرۇشقا ئالاقىدار ئەھۋاللار توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. ۋاڭ خۇنىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى كۈچەيتىپ، خىزمەت تۈزۈمى ۋە مېخانىزمىنى تاكاموللاشتۈرۈپ، «ئىككى قوشۇن» قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىلىق رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنىڭ كەڭ دائىرىلىك، كۆپ قاتلاملىق، تۈزۈملۈك راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن جۇ چياڭ، باتېر، سۇ خۇي، جياڭ زوجۈن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېقىندا قىلغان مۇھىم سۆزلىرى ۋە يوليورۇقلىرىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ سۆز قىلدى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قوشۇمچە باش كاتىپى ۋاڭ دۇڭفېڭ قاتارلىقلار ئالاقىدار قارالمىلار توغرىسىدا ئىزاھات ۋە دوكلات بەردى.