مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاۋ لېجى 10-ئاينىڭ 30-كۈنى چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا زامبىيە خەلق پارلامېنتىنىڭ باشلىقى مۇدى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.
جاۋ لېجى مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ بۇ يىل 9-ئايدا زۇڭتۇڭ خىچىلېما بىلەن جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇچرىشىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى توغرىسىدا مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك كۆرسەتمە بەردى. 10-ئاينىڭ 29-كۈنى ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى يوللىشىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلىدى. جۇڭگو زامبىيە بىلەن بىرلىكتە، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە تەڭ قۇرۇشنى زامبىيەنىڭ «8-دۆلەت تەرەققىيات يىرىك پىلانى» بىلەن زىچ جىپسىلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ تېخىمۇ زىچ جۇڭگو-زامبىيە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى خالايدۇ.
جاۋ لېجى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن زامبىيەنىڭ قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقى ئىككى دۆلەت دوستلۇق مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى زامبىيە خەلق پارلامېنتى بىلەن ئالماشتۇرۇش ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو بىلەن زامبىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ سىياسىي ئاساسىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەشنى خالايدۇ. زامبىيەنىڭ جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە جۇڭگونى قەتئىي قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدۇ. مەۋقەنى قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرىنىڭ فۇنكسىيەسى ۋە مەسئۇلىيىتىگە قارىتىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشكە ياردەم بېرىپ، سىياسەت ئۇچۇرى، قانۇن-نىزام قاتارلىق جەھەتلەردىكى پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ماسلىشىشنى ياخشى ئىشلەپ، ئالاقىدار قانۇن-ھۆججەتلەرنى چىقىرىش ۋە تۈزىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. زامبىيە خەلق پارلامېنتىنىڭ تانزانىيە-زامبىيە تۆمۈر يولىنى بازارلاشتۇرۇپ جانلاندۇرۇش تۈرىگە كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە قوللىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. خەلقئارا ھەمكارلىقنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەرقايسى دۆلەت پارلامېنتلىرى ئىتتىپاقى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك مېخانىزملاردىكى ماسلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى بىرلىكتە ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دەسلەپكى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
مۇدى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، زامبىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلدى. جۇڭگو ئىزچىل زامبىيە تەرەپتە تۇرۇپ كەلدى، ئىشىنىشكە ئەرزىيدىغان ياخشى ھەمراھ. زامبىيە خەلق پارلامېنتى جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن بولغان دوستلۇق ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپلىك دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ رولىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، زامبىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭقۇر تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن قانۇن تۇرغۇزۇش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى خالايدۇ.
سەي دافېڭ سۆھبەتكە قاتناشتى.