شىنجاڭ: كۈتۈنۈش ئاپپاراتلىرىنىڭ مۇلازىمەت ئوبيېكتى مەبلەغ كىرىم-چىقىم تەپسىلاتىنى سۈرۈشتۈرۈشكە ھوقۇقلۇق

2024.10.30 15:47 مەنبە: خەلق تورى

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتىنىڭ تور بېكىتىگە ئاساسلانغاندا، 10-ئاينىڭ 23-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق گۇڭئەن نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى قاتارلىق يەتتە تارماق بىرلىشىپ ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ياشانغانلار كۈتۈنۈش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئالدىن ھەق ئېلىشىنى باشقۇرۇش چارىسى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)» (تۆۋەندە قىسقارتىپ «چارە» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقاتقان.

«چارە»دە مۇنداق تەلەپ قىلىنغان: كۈتۈنۈش ئاپپاراتلىرى خېرىدارلارنىڭ ئۇچۇرىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بوغالتىرلىق قانۇنى»دىكى ئالاقىدار تەلەپ بويىچە تۈرلۈك ئالدىن ئېلىنغان مەبلەغنىڭ كىرىم-چىقىمىنى باشقۇرۇشى ھەمدە كىرىم-چىقىم تەپسىلىي خاتىرىسىنى مۇلازىمەت ئوبيېكتىنىڭ شەخسىي ئۇچۇر ئارخىپىغا كىرگۈزۈشى، ئۇچۇرنىڭ چىنلىقى، توغرىلىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. مۇلازىمەت ئوبيېكتى ۋە ئۇنىڭ ۋەسىيسى، ۋاكالەتچىسى مۇلازىمەت ئوبيېكتىنىڭ شەخسىي ئۇچۇر ئارخىپى ۋە مەبلەغ كىرىم-چىقىم تەپسىلاتىنى بىلىش ھوقۇقى ۋە سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىغا ئىگە، كۈتۈنۈش ئاپپاراتلىرى ھەرقانداق سەۋەب بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى تەمىنلەشنى رەت قىلسا بولمايدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ