بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن% 5.5 ئاشتى!

2024.10.30 15:37 مەنبە: خەلق تورى

رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى بىرتۇتاش ھېسابلاش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، شىنجاڭ ئىشقا ئاشۇرغان رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 1 تىرىليون 454 مىليارد 767 مىليون يۈەن بولۇپ، ئۆزگەرمەس باھا بويىچە ھېسابلىغاندا، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.5 ئاشقان، ئېشىش سۈرئىتى ئالدىنقى يېرىم يىلدىكىدىن 0.1 پىرسەنت پوئېنت ئۆسۈپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن يۇقىرى بولغان. بۇ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى ئۆتكۈزگەن ئالدىنقى ئۈچ پەسىللىك ئاپتونوم رايون خەلق ئىگىلىكىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئېلان قىلىنغان سانلىق مەلۇمات.

ئاپتونوم رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى خاۋ جۈنچىڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، مۇرەككەپ، كەسكىن تاشقى مۇھىت ۋە دۆلەت ئىچى ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىشىدىكى يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەر ئالدىدا، ئاپتونوم رايون يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، توغرا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، توغرا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە ئىشلەپچىقىرىشنىڭ مۇقىم ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇردى، ئېھتىياج سىجىل ئەسلىگە كەلدى، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشى پۇختا قەدەم بىلەن ياخشىلاندى.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ