شى جىنپىڭ تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ماماۋنىڭ ئۇدا كىرىباتى زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى

2024.10.28 16:23 مەنبە: خەلق تورى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى تېلېگراممىسى 10 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تانېتى ماماۋغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ ئۇدا كىرىباتى جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن كىرىباتى ياخشى دوست، ياخشى ھەمراھ، ياخشى قېرىنداش. 2019 ـ يىلى 9 ـ ئايدا دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن كىرىباتى ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى، ئەمەلىي ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولدى، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ۋە يەرلىكلەر ئارىسىدىكى ئالماشتۇرۇشى قويۇقلاشتى، بىر ـ بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە باشتىن ـ ئاخىر ئۆزئارا چۈشەندى، ئۆزئارا قوللىدى. مەن جۇڭگو ـ كىرىباتى مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ ئەپەندى بىلەن بىرلىكتە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ