شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت ـ ئەسەرلەر تەتقىقات ئورنى تەھرىرلىگەن «شى جىنپىڭنىڭ ساغلام جۇڭگو توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندە» ناملىق كىتاب يېقىندا مەركىزىي كومىتېت ھۆججەت ـ ئەسەرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتتە تارقىتىلدى.
خەلقنىڭ ساغلاملىقى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم بەلگىسى. پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە باشتىن ـ ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇلىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا قويۇپ، جۇڭگوچە سەھىيە ۋە ساغلاملىق تەرەققىيات يولىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى سەھىيە ۋە ساغلاملىق خىزمىتى فاڭجېنىنى بېكىتىپ، ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، تېببىي دورا ـ سەھىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ داۋالاش ـ سەھىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، شەھەر ـ يېزىلارنى قاپلىغان ئاممىۋى سەھىيە مۇلازىمەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، دۆلىتىمىز خەلقىنىڭ ساغلاملىق سەۋىيەسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈردى. يولداش شى جىنپىڭنىڭ ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ ئېلان قىلغان بىر قاتار مۇھىم بايانلىرىنىڭ مەزمۇنى يۈكسەك، ماھىيەتلىك مەزمۇنى مول، ئىدىيەسى چوڭقۇر، يېڭى دەۋردە دۆلىتىمىزنىڭ سەھىيە ۋە ساغلاملىق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن پۇختا ساغلاملىق ئاساسى سېلىشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
«بايانلاردىن ئۈزۈندە» ئون مەخسۇس تېمىغا بۆلۈنگەن، جەمئىي 292 بۆلەك بايان بار، يولداش شى جىنپىڭنىڭ 2012 ـ يىلى 11 ـ ئايدىن 2024 ـ يىلى 9 ـ ئايغىچە بولغان مەزگىلدىكى دوكلاتى، سۆزى، سۆھبىتى، تەبرىك سۆزى، خېتى، يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقى قاتارلىق 140 پارچىدىن ئارتۇق مۇھىم ھۆججەت ـ ئەسىرىدىن ئېلىنغان. بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم بايانلار تۇنجى قېتىم ئاشكارا ئېلان قىلىندى.