مۇخبىرنىڭ دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى شىنجاڭ تەكشۈرۈش باش ئەترىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، شىنجاڭ ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىم 18 مىڭ 811 يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن% 6.8 نامىي ئاشقان، باھا ئامىلىنى چىقىرىۋەتكەندە، ئەمەلىيەتتە % 6.5 ئاشقان، نامىي ۋە ئەمەلىي ئېشىش سۈرئىتى پۈتۈن مەملىكەت ئاھالىسىنىڭكىدىن 1.6 پىرسەنت پوئېنت تېز بولغان.
شەھەر-يېزىلار بويىچە ئايرىپ قارىغاندا، شەھەر-بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمى 32 مىڭ 142 يۈەن بولۇپ، ئۆتكەن يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن%5.6 نامىي ئاشقان، باھا ئامىلىنى چىقىرىۋەتكەندە، ئەمەلىيەتتە %5.2 ئاشقان، نامىي ۋە ئەمەلىي ئېشىش سۈرئىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا پۈتۈن مەملىكەت شەھەر-بازار ئاھالىلىرىنىڭكىدىن 1.1 ۋە 1.0 پىرسەنت پوئېنت تېز بولغان؛ يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى 6173 يۈەن بولۇپ، ئۆتكەن يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن% 8.8 نامىي ئاشقان، باھا ئامىلىنى چىقىرىۋەتكەندە، ئەمەلىيەتتە %8.8 ئېشىپ، نامىي ۋە ئەمەلىي ئېشىش سۈرئىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا پۈتۈن مەملىكەت يېزا ئاھالىسىنىڭكىدىن 2.2 ۋە 2.5 پىرسەنت پوئېنت تېز بولغان. يېزا ئاھالىلىرى كىرىمىنىڭ نامىي ۋە ئەمەلىي ئېشىش سۈرئىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا شەھەر-بازار ئاھالىلىرىنىڭكىدىن 3.2 پىرسەنت پوئېنت ۋە 3.6 پىرسەنت پوئېنت تېز بولغان.