شىنجاڭ خوتەن ۋىلايەتلىك يېزا سودا بانكىسى قۇرۇش تەييارلىقى تەستىقلاشقا ئېرىشتى

2024.10.24 15:39 مەنبە: خەلق تورى

10-ئاينىڭ 23-كۈنى، پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش باش ئىدارىسى ھۆكۈمەت تورىدا «دۆلەت پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش باش ئىدارىسى شىنجاڭ پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ خوتەن ۋىلايەتلىك يېزا سودا بانكىسىنى قۇرۇش تەييارلىقى توغرىسىدىكى تەستىقىي جاۋابى»نى ئېلان قىلدى، تەستىقىي جاۋابتا كۆرسىتىلىشىچە، شىنجاڭ پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى 10-ئاينىڭ 22-كۈنى شىنجاڭ خوتەن ۋىلايەتلىك يېزا سودا بانكىسى پاي چەكلىك شىركىتى قۇرۇشقا قوشۇلغان. بۇ، شىنجاڭ قىزىلسۇ ئوبلاستلىق يېزا سودا بانكىسىدىن كېيىن، يەنە بىر ۋىلايەت، شەھەر (ئوبلاست) دەرىجىلىك بىرلىككە كەلگەن قانۇنىي ئىگە يېزا سودا بانكىسىنىڭ قۇرۇش تەييارلىقى تەستىقىغا ئېرىشىشى ھېسابلىنىدۇ.

شىنجاڭ پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى مۇنداق كۆرسەتتى: شىنجاڭ خوتەن يېزا سودا بانكىسى قۇرۇش تەييارلىقى خىزمىتى گۇرۇپپىسى ئالاقىدار قانۇن-نىزاملاردىكى تەلەپكە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، قۇرۇش تەييارلىقى ئىشلىرىنى بېجىرىپ، تەستىقىي جاۋاب بېرىلگەن كۈندىن باشلاپ ئالتە ئاي ئىچىدە قۇرۇش تەييارلىقى خىزمىتىنى تاماملىشى كېرەك. تەييارلىق خىزمىتى قەرەلىدە تاماملانمىسا، تەييارلىق خىزمەت گۇرۇپپىسى تەييارلىق مۇددىتى توشۇشتىن بىر ئاي بۇرۇن تەييارلىق مۇددىتىنى ئۇزارتىش دوكلاتىنى تاپشۇرۇشى كېرەك، تەييارلىق مۇددىتىنى بىر قېتىمدىن ئاشۇرۇۋېتىشكە بولمايدۇ، تەييارلىق مۇددىتىنىڭ ئەڭ ئۇزاق مۇددىتى ئۈچ ئاي بولىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، قۇرۇش تەييارلىقى مەزگىلىدە شىنجاڭ پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى، خوتەن پۇل مۇئامىلنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش شۆبە ئىدارىسىنىڭ نازارىتى ۋە يېتەكچىلىكىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك، پۇل مۇئامىلە كەسپى پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا يول قويۇلمايدۇ. تەييارلىق خىزمىتى تاماملانغاندىن كېيىن، ئالاقىدار بەلگىلىمە ۋە تەرتىپ بويىچە خوتەن پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش شۆبە ئىدارىسىگە تىجارەت باشلاش ئىلتىماسى سۇنۇش كېرەك.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ