
جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لىن جيەن 23-چېسىلا قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
بىر چەت ئەل تاراتقۇ مۇخبىرى مۇنداق سورىدى: جۇڭگو گېرمانىيە داجۇڭ ئاپتوموبىل گۇرۇھى (جۇڭگو)نىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىسىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىپتۇ، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ئالاقىدار ئەھۋاللارنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تونۇشتۇرالامدۇ؟
لىن جيەن: ئىگىلىنىشىچە، داجۇڭ شىركىتىدىكى بۇ كىشى كوكائىن چەككەنلىكى ئۈچۈن جۇڭگو گۇڭئەن ئورگانلىرى تەرىپىدىن قانۇن بويىچە 10 كۈن مەمۇرىي جەھەتتىن توختىتىپ قويۇلغان ھەمدە چېگرادىن چىقىرىۋېتىلگەن. كونكرېت ئەھۋالنى سىز جۇڭگو تەرەپنىڭ مەسئۇل تارمىقىدىن چۈشىنىۋېلىڭ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ