شۇ جاي ۋاقتى 10 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ قازاندا كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىۋاتقان مەزگىلدە ھىندىستان زۇڭلىسى مودى بىلەن كۆرۈشتى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شېن خۇڭ فوتوسى
شۇ جاي ۋاقتى 10 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ قازاندا كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىۋاتقان مەزگىلدە ھىندىستان زۇڭلىسى مودى بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ھىندىستان ئوخشاشلا مەدەنىي قەدىمىي دۆلەتلەر، تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ دۆلەتلەر، يەرشارىنىڭ جەنۇبىنىڭ مۇھىم ئەزالىرى بولۇپ، بىردەك ئۆز دۆلىتىنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە تۇرماقتا. جۇڭگو بىلەن ھىندىستاننىڭ تارىخىي ئېقىم ۋە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىنى توغرا ئىگىلىشى ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن. ئىككى تەرەپ ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزئارا بىر - بىرىنىڭ تەرەققىيات ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. ئىككى تەرەپ يەنە خەلقئارا مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بىرلىشىپ ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشىدا ئۈلگە بولۇپ، دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى، خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ دېموكراتىيەلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشى كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو - ھىندىستان مۇناسىۋىتىنىڭ ماھىيىتى ئوخشاشلا 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇسقا ئىگە قوشنا بولغان، تەرەققىي قىلىۋاتقان ئىككى چوڭ دۆلەتنىڭ قانداق چىقىشىپ ئۆتۈش مەسىلىسىدۇر. تەرەققىيات جۇڭگو - ھىندىستان ئىككى دۆلەتنىڭ ھازىرقى ئەڭ چوڭ ئورتاقلىقى. ئىككى تەرەپ جۇڭگو بىلەن ھىندىستاننىڭ «ئۆزئارا تەرەققىيات پۇرسىتى يارىتىش، ئۆزئارا تەھدىت شەكىللەندۈرمەسلىك»، «رىقابەتچى ئەمەس، بەلكى ھەمكارلىق ھەمراھى بولۇش» قاتارلىق مۇھىم ئورتاق تونۇشىدا داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، توغرا ئىستراتېگىيەلىك تونۇشتا چىڭ تۇرۇپ، قوشنا چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ئىناق ئۆتۈشى، ئورتاق تەرەققىي قىلىشىدەك پارلاق توغرا يول ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىشى كېرەك.
مودى مۇنداق بىلدۈردى: ھىندىستان - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم تەرەققىياتىنى ساقلاش ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم، 2 مىليارد 800 مىليون خەلقنىڭ بەخت - سائادىتى ۋە كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك، رايون ھەتتا دۇنيا تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقى ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن مۇھىم. ھازىرقى مۇرەككەپ خەلقئارا ۋەزىيەتتە، ئىككى چوڭ قەدىمىي مەدەنىيلىك ۋە ئىككى چوڭ ئىقتىساد موتورى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھىندىستان - جۇڭگو ھەمكارلىقى ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ۋە دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق. ھىندىستان تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىشنى خالايدۇ. ھىندىستان تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتىلىك خىزمىتىنى ئۈستىگە ئېلىشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللاشنى ھەم كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك رامكىلار ئىچىدىكى ئالاقە، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ.
ئىككى رەھبەر يېقىندا ئىككى تەرەپ زىچ ئالاقە ئارقىلىق چېگرا رايوندىكى ئالاقىدار مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا قولغا كەلتۈرگەن مۇھىم ئىلگىرىلەشلەرگە ئىجابىي باھا بەردى. مودى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدىكى تەسەۋۋۇرى ۋە تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى، شى جىنپىڭ بۇنى پىرىنسىپ جەھەتتىن قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەتنىڭ چېگرا مەسىلىسى ئالاھىدە ۋەكىللەر ئۇچرىشىش مېخانىزمىنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، چېگرا رايوننىڭ تىنچ - ئامانلىقىنى ئورتاق ياخشى قوغداپ، ئادىل، مۇۋاپىق ھەل قىلىش لايىھەسى ئۈستىدە ئىزدىنىشكە قوشۇلدى.
ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەت دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى ۋە ھەرقايسى قاتلام - دەرىجىدىكى ئەمەلدارلارنىڭ سۆھبەتلىشىشىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ بالدۇرراق مۇقىم تەرەققىيات يولىغا قايتىشىغا تۈرتكە بولۇشقا قوشۇلدى.
ئىككى تەرەپ كۆپ تەرەپلىك سورۇنلاردا ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغداشقا قوشۇلدى.
ئىككى تەرەپ مۇنداق قارىدى: بۇ قېتىمقى كۆرۈشۈش ئىجابىي ۋە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، جۇڭگو - ھىندىستان مۇناسىۋىتىگە ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىك ۋە يىراق كەلگۈسى نۇقتىدىن مۇئامىلە قىلىپ ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىپ، كونكرېت ئىختىلاپلارنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئومۇمىيىتىگە تەسىر يەتكۈزۈشىگە يول قويماي، رايون ۋە دۇنيا تىنچلىقى - گۈللىنىشى، دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشقا قوشۇلىمىز.
سەي چى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.