شۇ جاي ۋاقتى 10 - ئاينىڭ 23 - كۈنى كەچتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ قازاندا كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشىغا قاتناشقان مەزگىلدە مىسىر زۇڭتۇڭى سېسى بىلەن كۆرۈشتى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جەي جيەنلەن فوتوسى
شۇ جاي ۋاقتى 10 - ئاينىڭ 23 - كۈنى كەچتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ قازاندا كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشىغا قاتناشقان مەزگىلدە مىسىر زۇڭتۇڭى سېسى بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مىسىرنىڭ تۇنجى قېتىم رەسمىي ئەزا سۈپىتىدە كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشىغا قاتناشقانلىقىنى تەبرىكلىدى ھەم قارشى ئالدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل «جۇڭگو - مىسىر ھەمراھلىق يىلى» ۋە ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنىڭ ئون يىللىقى. جۇڭگو تەرەپ مىسىرنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغدىشىنى قەتئىي قوللايدۇ، مىسىر تەرەپ بىلەن ئۆزئارا ھەمدەم بولىدىغان سەمىمىي دوستلاردىن، قول تۇتۇشۇپ تەرەققىي قىلىدىغان يېقىن ھەمراھلاردىن بولۇشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ داۋاملىق ئۆزئارا قەتئىي قوللاپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى مۇستەھكەملەپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىپ، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى دەۋرگە يۈزلەنگەن جۇڭگو - مىسىر تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش نىشانىغا قاراپ سىجىل ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپمۇ مىسىر تەرەپ بىلەن بولغان ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، «بۈيۈك كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقى»نىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يەرشارىنىڭ جەنۇبىنىڭ تەسىر كۈچى ۋە سۆز قىلىش ھوقۇقىنى ئاشۇرۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغداشنى خالايدۇ.
سېسى مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى يەنە بىر قېتىم تەبرىكلەيمەن. مىسىر - جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىلغان ئون يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىدا مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. جۇڭگو مىسىر ۋە ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ ئەڭ سەمىمىي دوستى. جۇڭگو تەرەپنىڭ مىسىر تەرەپنى تۈرلۈك قىممەتلىك ياردەم بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن. مىسىر تەرەپ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، تەيۋەن مەسىلىسىنىڭ جۇڭگوغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تامامەن چۈشىنىدۇ. مىسىر تەرەپ ئۆز تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسى بىلەن چوڭقۇر ئۇدۇللاشتۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپنىڭ مىسىرنىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مېخانىزمىغا رەسمىي قاتنىشىشىنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقنى قويۇقلاشتۇرۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ۋە يەرشارىنىڭ جەنۇبىنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى ئورتاق قوغداپ، تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق بولغان يەرشارىۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.
ئىككى تەرەپ ھازىرقى ئوتتۇرا شەرق رايونى ۋەزىيىتى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو تەرەپ ھازىرقى ئوتتۇرا شەرق رايونى ۋەزىيىتىدىن ئىنتايىن ئەندىشە قىلىدۇ. رايون ئۇرۇش قالايمىقانچىلىقى ھەرقانداق بىر تەرەپنىڭ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. پەلەستىن مەسىلىسى ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسىنىڭ يادروسى. نۆۋەتتىكى جىددىي ئىش بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئالاقىدار قارارلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئۈنۈملۈك ئىجرا قىلىپ، تېزدىن غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش. «ئىككى دۆلەت لايىھەسى»نى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرگەندىلا، پەلەستىن مەسىلىسىنىڭ بالدۇرراق ئومۇميۈزلۈك، ئادىل، ئۇزاق مەزگىللىك ھەل قىلىنىشىغا تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ. جۇڭگو تەرەپ مىسىر تەرەپنىڭ ئۇرۇش توختىتىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى ئالقىشلايدۇ، مىسىر تەرەپ بىلەن ماسلاشتۇرۇش، ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، پەلەستىن - ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىنى بالدۇراق تىنچىتىپ، رايون ۋەزىيىتىنىڭ پەسىيىشكە قاراپ يۈزلىنىشىگە ئورتاق تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.
سەي چى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.