شى جىنپىڭ ئىران زۇڭتۇڭى پېزېشكيان بىلەن كۆرۈشتى

2024.10.24 10:21 مەنبە: خەلق تورى

شۇ جاي ۋاقتى 10 - ئاينىڭ 23 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ قازاندا كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشىغا قاتناشقان مەزگىلدە ئىران زۇڭتۇڭى پېزېشكيان بىلەن كۆرۈشتى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى يۆ يۆۋېي فوتوسى

شۇ جاي ۋاقتى 10 - ئاينىڭ 23 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ قازاندا كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشىغا قاتناشقان مەزگىلدە ئىران زۇڭتۇڭى پېزېشكيان بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئىران مۇھىم رايون ۋە خەلقئارا تەسىرگە ئىگە دۆلەت، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ ياخشى دوستى، ياخشى ھەمراھى. دۇنيادا 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈشتە، جۇڭگو - ئىران مۇناسىۋىتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتى تېخىمۇ گەۋدىلەندى. خەلقئارا ۋە رايون ۋەزىيىتىدە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو تەرەپ قىلچە تەۋرەنمەي ئىران بىلەن بولغان دوستانە ھەمكارلىقنى راۋاجلاندۇرىدۇ. جۇڭگو تەرەپ ئىراننىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى ۋە مىللەتنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىنى ياخشى قوغداپ، ئۆزىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى ياخشىلىشىنى ھەم چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى قوللايدۇ. جۇڭگو تەرەپ ئىران تەرەپ بىلەن بىر - بىرىنى قەتئىي قوللاپ، ئىچكى ئىشىغا ئارىلاشماسلىق قاتارلىق خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانلىرىنى قوغداشنى، ئىككى دۆلەتنىڭ يوللۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ ئىران تەرەپ بىلەن ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ ئىراننىڭ تۇنجى قېتىم رەسمىي ئەزا سۈپىتىدە كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشىغا قاتناشقانلىقىنى تەبرىكلىدى ھەم قارشى ئالدى، ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو تەرەپ ئىران تەرەپ بىلەن كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك رامكىلار ئىچىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يەرشارىنىڭ جەنۇبىنىڭ تەسىر كۈچى ۋە سۆز قىلىش ھوقۇقىنى ئاشۇرۇپ، خەلقئارا تەرتىپنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

پېزېشكيان مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو ئىراننىڭ ئەڭ مۇھىم ھەمكارلىق ھەمراھى، ئىران بىلەن جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ھەم ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلىدى. ئىران تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىق پىلانىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش، ئۇل ئەسلىھە، پاكىز ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ، بۇ، ئىراننىڭ دۆلەت تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇپلا قالماي، يەنە رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكىمۇ پايدىلىق. ئىران تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن داۋاملىق تۈردە بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە ئالاقىدار مەسىلىلەردە بىر - بىرىنى قەتئىي قوللاپ، زوراۋانلىق، زومىگەرلىككە ئورتاق قارشى تۇرۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپنىڭ ئىراننىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مېخانىزمىغا رەسمىي قاتنىشىشىنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك سۇپىلاردا زىچ ھەمكارلىشىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

ئىككى تەرەپ يەنە ھازىرقى ئوتتۇرا شەرق رايونى ۋەزىيىتى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو تەرەپ ھازىرقى ئوتتۇرا شەرق رايونى ۋەزىيىتىدىن ئىنتايىن ئەندىشە قىلىدۇ. غەززەدە ئۇرۇش توختىتىشنى بالدۇرراق ئىشقا ئاشۇرۇش رايون ۋەزىيىتىنىڭ جىددىيلىكىنى پەسەيتىشتىكى ئاچقۇچ. خەلقئارا جەمئىيەت بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، ئالاقىدار ھەرقايسى تەرەپلەرنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارىنى ھەقىقىي ئىجرا قىلىپ، رايون ۋەزىيىتىنىڭ يەنىمۇ داۋالغۇشىدىن ساقلىنىشقا دەۋەت قىلىشى كېرەك.

سەي چى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ