شى جىنپىڭ ۋىيېتنامنىڭ يېڭىدىن ۋەزىپىگە ئولتۇرغان دۆلەت رەئىسى لياڭ چياڭغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2024.10.24 10:05 مەنبە: خەلق تورى

10 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ لياڭ چياڭغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ ۋىيېتنام سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسىلىك ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەن ۋىيېتنامدىكى رەھبىرىي يولداشلار بىلەن قويۇق ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى ساقلاپ، جۇڭگو - ۋىيېتنام مۇناسىۋىتىنى ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش يېڭى دەۋرىگە ئورتاق يېتەكلىدۇق. بۇ يىل 8 - ئايدا، باش شۇجى، دۆلەت رەئىسى سۇ لىن جۇڭگودا مۇۋەپپەقىيەتلىك زىيارەتتە بولدى، مەن ئۇنىڭ بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، جۇڭگو - ۋىيېتنام تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدۇق. يېقىندا، سىز جۇڭگوغا كېلىپ زىيارەتتە بولدىڭىز، مەن سىز بىلەن جۇڭگو - ۋىيېتنام ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردۇم، جۇڭگو - ۋىيېتنام مۇناسىۋىتىنى ئىستراتېگىيە يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ ئىگىلەپ، بايراقنى كۆتۈرۈپ يۆنىلىشنى بەلگىلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ توغرا يولنى بويلاپ ئالدىغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشقا قوشۇلىمەن. ئىككى تەرەپ ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەرنىڭ ئورتاق تونۇشىنى ئورتاق ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو - ۋىيېتنام ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىدا تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىگە كۈچ قوشۇشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ۋىيېتنام تەرەپنىڭ ۋىيېتنامنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان سوتسىيالىزم يولىدا ياخشى مېڭىشىنى قەتئىي قوللايدۇ، ۋىيېتنام تەرەپنىڭ ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى 14 - قۇرۇلتىيىغا ياخشى تەييارلىق قىلىشىنى قوللايدۇ. مەن جۇڭگو - ۋىيېتنام مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، دۆلەت رەئىسى لياڭ چياڭ بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، جۇڭگو - ۋىيېتنام تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر بولۇش، پۇختا بولۇشقا يېتەكلەپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت - سائادەت ئېلىپ كېلىشنى خالايمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ