شى جىنپىڭ تېلېگرامما ئەۋەتىپ، پرابوۋونىڭ ھىندونېزىيەنىڭ زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغانلىقىنى تەبرىكلىدى

2024.10.21 15:25 مەنبە: خەلق تورى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى تېلېگراممىسى 10 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ پرابوۋو سۇبيانتوغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ ھىندونېزىيەنىڭ زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ھىندونېزىيە ئەنئەنىۋى دوستانە ئۆتىدىغان قوشنا دۆلەت. ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى سىجىل مۇقىم ئېشىپ، تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ يېڭى باسقۇچىغا كىردى. كېلەر يىلى جۇڭگو ـ ھىندونېزىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 75 يىللىقى، بۇ، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىشنى يېڭى پۇرسەت بىلەن تەمىنلەيدۇ. مەن زۇڭتۇڭ پرابوۋو بىلەن قويۇق ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى ساقلاپ، جۇڭگو ـ ھىندونېزىيە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ دۆلەتلەرنىڭ بىرلىشىپ ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇش، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ مەنپەئەتلىنىشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈشنى خالايمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ