ئۈرۈمچى شەھىرى يېڭىدىن سېلىنغان تاۋار ئۆيلەرنىڭ سېتىلىش باھاسىغا يېتەكچىلىك قىلىشنى ئەمەلدىن قالدۇردى

2024.10.17 15:34 مەنبە: خەلق تورى

10-ئاينىڭ 16-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسى، شەھەرلىك تەبىئىي بايلىق ئىدارىسى، شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى پۇل مۇئامىلە ئىشخانىسى، تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندىنى باشقۇرۇش مەركىزى بىرلىشىپ «ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئۆي-زېمىن بازىرىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇش توغرىسىدىكى سىياسەت-تەدبىرلىرى» (تۆۋەندە قىسقارتىپ «تەدبىر»دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقىتىپ، ئۆي-زېمىن بازىرىغا پايدىلىق سەككىز ماددىلىق تەدبىرنى چىقارغان، بۇ ئاممىنىڭ مۇتلەق خاراكتېرلىك ۋە ياخشىلاش خاراكتېرلىك تۇرالغۇ ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرى ئۆي-زېمىن بازىرىنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن.

«تەدبىر»دە يېڭىدىن سېلىنغان تاۋار ئۆيلەرنىڭ سېتىلىش باھاسىغا يېتەكچىلىك قىلىش ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ، دەپ ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. يېڭىدىن سېلىنغان تاۋار ئۆيلەرنىڭ سېتىلىش باھاسىنى تەڭشەش-تىزگىنلەش چەكلىمىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، كارخانىلار بازار بېكىتمە باھاسىغا ئاساسەن ساتسا ۋە سېتىش جەريانىدا باھانى ئۆز ئالدىغا تەڭشىسە ھەمدە ئەمەلىي سېتىش باھاسىدا توردا ئىمزالاپ ئەنگە ئالدۇرسا بولىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ