شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 16 - كۈنى تېلېگراممىسى 10 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئامېرىكا - جۇڭگو مۇناسىۋىتى مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 2024 - يىللىق مۇكاپات تارقىتىش كەچلىك زىياپىتىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.
شى جىنپىڭ ئامېرىكا - جۇڭگو مۇناسىۋىتى مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇشى، ھەمكارلىشىشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىنى تەرىپلىدى، ۋىليام فوردنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىنى تەبرىكلىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتى دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەرنىڭ بىرى، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ بەخت - سائادىتى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك. جۇڭگو تەرەپ باشتىن - ئاخىر ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، تىنچ بىللە تۇرۇش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش پىرىنسىپى بويىچە جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى بىر تەرەپ قىلىپ كەلدى، باشتىن - ئاخىر جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ھەرقايسىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنى بىر - بىرىنىڭ پۇرسىتى بىلىپ، ئىككى دۆلەت بىر - بىرىنىڭ تەرەققىياتىغا توسالغۇ بولماي، بەلكى كۈچ قوشۇشى كېرەك، دەپ قارىدى. جۇڭگو ئامېرىكا بىلەن ھەمراھ بولۇشنى، دوست بولۇشنى خالايدۇ. بۇ، ئىككى دۆلەتكە بەخت يارىتىپلا قالماي، يەنە دۇنياغىمۇ نەپ يەتكۈزىدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بۇ يىل 7 - ئايدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنى غەلىبىلىك ئېچىلىپ، جۇڭگونىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشى سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. ئېچىۋېتىش جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ روشەن بەلگىسى، جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازىسى بارغانسېرى كەڭ ئېچىۋېتىلىدۇ. جۇڭگو تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىش سالمىقىنى زورايتىپ، خەلقئارالاشقان 1 - قاتاردىكى تىجارەت - سودا مۇھىتىنى سىجىل بەرپا قىلىپ، دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ بازار ئەۋزەللىكى ۋە ئىچكى ئېھتىياج يوشۇرۇن كۈچىنى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو - ئامېرىكا ھەمكارلىقىغا تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت ئېلىپ كېلىدۇ. ئامېرىكا - جۇڭگو مۇناسىۋىتى مەملىكەتلىك كومىتېتى ۋە ھەر ساھەدىكى دوستلارنىڭ جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە داۋاملىق كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە ئۇنى قوللاپ، جۇڭگونىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا داۋاملىق پائال قاتنىشىپ ھەم ئۇنىڭدىن نەپ ئېلىپ، كۆپرەك بېرىش - كېلىش قىلىپ، كۆپرەك پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئورتاق ھالدا «سان فىرانسىسكو مەنزىلى»نى ئەمەلىي مەنزىلگە ئايلاندۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت - سائادەت ئېلىپ كېلىشىنى، دۇنياغا تېخىمۇ كۆپ مۇقىملىق ۋە ئاكتىپ كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
شۇ كۈنى، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بايدېنمۇ ئامېرىكا - جۇڭگو مۇناسىۋىتى مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ يىللىق مۇكاپات تارقىتىش كەچلىك زىياپىتىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.