شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى تېلېگراممىسى ئەدەبىيات ـ سەنئەت خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغانلىقىغا ئون يىل بولغان پەيتتە، 10 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى نەشر قىلىنىدىغان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 20 ـ سانىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ 2014 ـ يىلى 10 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنىدىكى «ئەدەبىيات ـ سەنئەت خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلىنغان سۆز»ى قايتا ئېلان قىلىنىدۇ.
سۆزدە مۇنداق تەكىتلەندى: ئەدەبىيات ـ سەنئەت ئىشلىرى پارتىيە ۋە خەلقنىڭ مۇھىم ئىشى، ئەدەبىيات ـ سەنئەت سېپى پارتىيە ۋە خەلقنىڭ مۇھىم سېپى. ئەدەبىيات ـ سەنئەت دەۋرنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش بۇرغىسى بولۇپ، بىر دەۋرنىڭ قىياپىتىگە ئەڭ ۋەكىللىك قىلالايدۇ، بىر دەۋرنىڭ كەيپىياتىغا ئەڭ يېتەكچىلىك قىلالايدۇ. «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئەدەبىيات ـ سەنئەتنىڭ رولى تەڭداشسىز، ئەدەبىيات ـ سەنئەت خىزمەتچىلىرىنىڭ ئىستىقبالى تولىمۇ پارلاق. كەڭ ئەدەبىيات ـ سەنئەت خىزمەتچىلىرى ئەدەبىيات ـ سەنئەتنىڭ ئورنى ۋە رولىنى مۇشۇنداق يۈكسەكلىكتىن تونۇپ، زىممىسىگە ئالغان تارىخىي بۇرچ ۋە مەسئۇلىيەتنى تونۇپ، خەلقنى مەركەز قىلغان ئىجادىيەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، تىرىشىپ دەۋرگە يۈز كېلەلەيدىغان تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىپ، جۇڭگو روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭگو كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن كەلگۈسىگە ئاتلىنىشقا ئىلھاملاندۇرۇشى كېرەك.
سۆزدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ گۈللەپ ياشنىشىغا ئېھتىياجلىق. جەزمەن ئەدەبىيات ـ سەنئەت ۋە ئەدەبىيات ـ سەنئەت خىزمەتچىلىرىنىڭ مۇھىم رولىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىش ۋە ئۇنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. تارىخ ۋە رېئاللىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ كۈچلۈك مەدەنىيەت ئىجادچانلىقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. ھەر قېتىم زور تارىخىي پەيتكە كەلگەندە، مەدەنىيەت دۆلەت تەقدىرىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى ھېس قىلىپ، دەۋر ئېقىمىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، دەۋر ساداسىنى ئالدىن ياڭرىتىپ، يۈز مىليونلىغان خەلققە، ئۇلۇغ ۋەتەنگە مەدەت بېرەلىدى ۋە كۈچ قوشالىدى. مەنىۋى بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈش، مەنىۋى تۈۋرۈك تۇرغۇزۇش، مەنىۋى ماكان بەرپا قىلىشنىڭ ھەممىسى ئەدەبىيات ـ سەنئەتتىن ئايرىلالمايدۇ. دۆلىتىمىزدىكى يازغۇچىلار، سەنئەتكارلار دەۋر كەيپىياتىنىڭ ئالدىن سەزگۈچىلىرى، ئالدىن يۈرگۈچىلىرى، ئالدىن تەشەببۇس قىلغۇچىلىرىدىن بولۇپ، پوزىتسىيەسى يارقىن، ئەخلاق ـ پەزىلەت چاقناپ تۇرىدىغان، ئىللىقلىققا تولغان تېخىمۇ كۆپ ئەدەبىيات ـ سەنئەت ئەسەرلىرى ئارقىلىق خەلقنىڭ ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىنى، دەۋرنىڭ تەرەققىيات تەلىپىنى يېزىپ چىقىشى ۋە خاتىرىلىشى كېرەك.
سۆزدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: بىر دەۋرنىڭ ئەدەبىيات ـ سەنئەت مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئۆلچەشتە ئاخىرقى ھېسابتا ئەسەرگە قاراش كېرەك. ئەدەبىيات ـ سەنئەتنىڭ گۈللىنىشى ۋە راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشتا، ئەڭ نېگىزلىك بولغىنى بىزنىڭ بۇ ئۇلۇغ مىللىتىمىزگە، ئۇلۇغ دەۋرىمىزگە يۈز كېلەلەيدىغان مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىش ۋە ئىشلەش. جەزمەن مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىش ۋە ئىشلەشنى ئەدەبىيات ـ سەنئەت خىزمىتىنىڭ مەركىزىي ھالقىسى قىلىپ، تىرىشىپ زامانىمىزدىكى جۇڭگو قىممەت قارىشىنى تارقىتىدىغان، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى روھىنى نامايان قىلىدىغان، جۇڭگولۇقلارنىڭ ئېستېتىك ئىنتىلىشىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان، ئىدىيەۋىلىك، بەدىئىيلىك، ھۇزۇرلىنىشچانلىق ئورگانىك بىرلەشتۈرۈلگەن مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى كۆپلەپ ئىجاد قىلىش ۋە ئىشلەش كېرەك. يېڭىلىق يارىتىش ئەدەبىيات ـ سەنئەتنىڭ جېنى. يېڭىلىق يارىتىش روھىنى ئەدەبىيات ـ سەنئەت ئىجادىيىتى ۋە ئىشلەشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، ئەدەبىيات ـ سەنئەت ئەسلىي ئىجادىيەت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئەدەبىيات ـ سەنئەت ئىجادىيىتىنى گۈللەندۈرۈش، ئەدەبىيات ـ سەنئەتتە يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇشتا، جەزمەن پەزىلەت ۋە ماھارەتتە تەڭ كامالەتكە يەتكەن زور بىر تۈركۈم داڭلىق ئەدەبىيات ـ سەنئەت خادىمى بولۇشى كېرەك. ئەدەبىيات ـ سەنئەت قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ گەۋدىلىك مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، تىرىشىپ ھەرقايسى ساھەلەردە تەسىرى بار بىر تۈركۈم ئەدەبىيات ـ سەنئەت باشلامچىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، ئەدەبىيات ـ سەنئەت ئىختىساسلىقلار زور قوشۇنى بەرپا قىلىش كېرەك.
سۆزدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: سوتسىيالىستىك ئەدەبىيات ـ سەنئەت ماھىيەتتىن ئېيتقاندا، خەلقنىڭ ئەدەبىيات ـ سەنئىتى. ئەدەبىيات ـ سەنئەت خەلقنىڭ قەلب ساداسىنى ياخشى ئەكس ئەتتۈرۈشتە، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، سوتسىيالىزم ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتىن ئىبارەت بۇ تۈپ يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. بۇ، پارتىيەنىڭ ئەدەبىيات ـ سەنئەت سېپىگە قويغان بىر تۈرلۈك ئاساسىي تەلىپى، شۇنداقلا دۆلىتىمىز ئەدەبىيات ـ سەنئەت ئىشلىرىنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان ئاچقۇچ. بىرىنچى، خەلق ئەدەبىيات ـ سەنئەتكە ئېھتىياجلىق. خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان مەنىۋى مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشتا، جەزمەن مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتۇپ، جەمئىيەتنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت بايلىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئىككىنچى، ئەدەبىيات ـ سەنئەت خەلققە ئېھتىياجلىق. مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى يارىتىش ـ يارىتالماسلىق خەلق ئۈچۈن يېزىش ـ يازالماسلىق، خەلق ئۈچۈن ھېسسىياتىنى ئىپادىلەش ـ ئىپادىلىيەلمەسلىك، خەلق ئۈچۈن قەلب ساداسىنى ئىپادىلەش ـ ئىپادىلىيەلمەسلىكتە ئەڭ نېگىزلىك بەلگىلىنىدۇ. ئۈچىنچى، خەلقنى قىزغىن سۆيۈش ئەدەبىيات ـ سەنئەتتە ئىپادىلىنىشى كېرەك. ئەدەبىيات ـ سەنئەت ئىجادىيىتىدە يۈز خىل، مىڭ خىل ئۇسۇل بار، لېكىن ئەڭ نېگىزلىك، ئەڭ ئاچقۇچلۇق، ئەڭ ئىشەنچلىك ئۇسۇل خەلق ئارىسىدا يىلتىز تارتىش، تۇرمۇشتا يىلتىز تارتىشتىن ئىبارەت. بىر ياخشى ئەسەر خەلقنىڭ باھاسىدىن، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ باھاسىدىن، بازارنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتەلەيدىغان ئەسەر بولۇشى كېرەك، جەمئىيەت ئۈنۈمى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلغان، شۇنىڭ بىلەن بىللە، جەمئىيەت ئۈنۈمى بىلەن ئىقتىسادىي ئۈنۈم ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلگەن ئەسەر بولۇشى كېرەك. ئەدەبىيات ـ سەنئەت بازارنىڭ قۇلى بولماسلىقى، پۇلنىڭ كويىدىلا بولماسلىقى كېرەك.
سۆزدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: جۇڭگو روھى سوتسىيالىستىك ئەدەبىيات ـ سەنئەتنىڭ جېنى. ھەربىر دەۋرنىڭ ئۆزىگە خاس دەۋر روھى بولىدۇ. ئەدەبىيات ـ سەنئەت روھ يارىتىدىغان قۇرۇلۇش، ئەدەبىيات ـ سەنئەت خىزمەتچىلىرى روھىي ئىنژېنېرلار. كەڭ ئەدەبىيات ـ سەنئەت خىزمەتچىلىرى سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى بايرىقىنى ئېگىز جەۋلان قىلدۇرۇپ، زىممىسىدىكى مەسئۇلىيەتنى تولۇق تونۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەدەبىيات ـ سەنئەت ئىجادىيىتىدە جانلىق ـ تېتىك، جانلىق ـ ئەينەن ئەكس ئەتتۈرۈشى كېرەك. ۋەتەنپەرۋەرلىكنى ئەدەبىيات ـ سەنئەت ئىجادىيىتىنىڭ ئاساسىي مېلودىيەسى قىلىپ، خەلقنى توغرا تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشى، دۆلەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئۇنىڭدا چىڭ تۇرۇشقا يېتەكلەپ، جۇڭگولۇق بولۇش جاسارىتى ۋە ئىشەنچىنى ئاشۇرۇشى كېرەك. ئەدەبىيات ـ سەنئەت ئەسەرلىرى ئارقىلىق راستچىللىق، ئاق كۆڭۈللۈك، گۈزەللىكنى تارقىتىپ، ئالغا باسىدىغان، ياخشىلىققا ئىنتىلىدىغان قىممەت قارىشىنى تارقىتىپ، كىشىلەرنى ئەخلاققا ئەھمىيەت بېرىدىغان، ئەخلاقنى ئۇلۇغلايدىغان، ئەخلاققا رىئايە قىلىدىغان تۇرمۇشقا تەلپۈنۈش ۋە ئىنتىلىشكە يېتەكلەش كېرەك. يېڭى دەۋر شارائىتىغا بىرلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇش، جۇڭخۇا ئېستېتىكا روھىغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك.
سۆزدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيەنىڭ ئەدەبىيات ـ سەنئەت خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش كېرەك. پارتىيە رەھبەرلىكى سوتسىيالىستىك ئەدەبىيات ـ سەنئەت تەرەققىياتىنىڭ تۈپ كاپالىتى. بۇنىڭدا ئىككى نۇقتىنى ياخشى ئىگىلەش كېرەك: بىرىنچىدىن، كەڭ ئەدەبىيات ـ سەنئەت خىزمەتچىلىرىگە يېقىندىن تايىنىش، ئىككىنچىدىن، ئەدەبىيات ـ سەنئەت قانۇنىيىتىگە ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىش كېرەك. ئەدەبىيات ـ سەنئەت ئوبزورچىلىقى خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ ۋە ئۇنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، تارىخ، خەلق، سەنئەت، ئېستېتىكا نۇقتىئىنەزەرىنى تەتبىقلاپ ئەسەرلەرگە باھا بېرىپ ۋە زوق ئېلىپ، راست گەپ قىلىش، داۋلى سۆزلەشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئەدەبىيات ـ سەنئەت تەنقىدچىلىكىنى قانات يايدۇرىدىغان ياخشى كەيپىيات يارىتىش كېرەك.