10-ئاينىڭ 12-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى تور بېكىتى ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ، 2024-يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بويىچە شەخسلەرنىڭ ھەق تاپشۇرۇش ئاساسىي سانىغا ئالاقىدار مەسىلىلەرنى ئايدىڭلاشتۇردى.
ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: 2024-يىلى ئاپتونوم رايوننىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بويىچە شەخسلەر ھەق تاپشۇرۇش ئاساسىي سانىدا ئىشلىتىلىدىغان 2023-يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە ئومۇميۈزلۈك شەھەر-بازار ئورۇنلىرىدا ئىشقا ئورۇنلاشقان خادىملارنىڭ ئوتتۇرىچە مائاشى ئېيىغا 8332 يۈەن بولىدۇ، ھەر دەرىجىلىك داۋالىنىش كاپالىتىنى بېجىرىش ئاپپاراتلىرىنىڭ بۇ ئۇقتۇرۇشنىڭ روھى بويىچە، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا ھەق تاپشۇرۇش ئاساسىي سانى ھەم تەمىناتىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلىشىنى سورايمىز.
بۇ ئۇقتۇرۇشنى ئاپتونوم رايونلۇق داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى، ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى، دۆلەت باش باج ئىدارىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق باج ئىدارىسى 8-ئاينىڭ 30-كۈنى بېسىپ تارقاتقان، كېيىنكى ئايدا بېسىپ تارقىتىپ ئىجرا قىلىنىدۇ.
ئاپتونوم رايونلۇق داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى تور بېكىتىگە ئاساسلانغاندا، 2023-يىلى ئاپتونوم رايون ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بويىچە شەخسلەر ھەق تاپشۇرۇش ئاساسىي سانىدا ئىشلىتىلگەن 2022-يىلى ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە شەھەر-بازارلاردىكى ئورۇنلاردا ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ ئوتتۇرىچە مائاشى ئېيىغا 7625 يۈەن بولغان.