ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ 15-چېسلادىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ سابىق ئەزاسى، سابىق مۇئاۋىن رەئىسى دوۋ ۋەنگۇينىڭ پارا ئېلىشقا چېتىشلىق دېلوسى دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ ئاخىرلاشتۇرۇلۇپ، تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قاراپ چىقىپ، تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن. يېقىندا، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارا ئېلىش جىنايىتىگە چېتىلغان دوۋ ۋەنگۇينى قانۇن بويىچە قولغا ئېلىش قارارىنى چىقاردى. بۇ دېلو يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بېجىرىلىۋاتىدۇ.