مالىيە مىنىستىرلىقى: بۇ يىل مەركەز مالىيەسى 66 مىليارد 700 مىليون يۈەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ياردەم پۇلى چۈشۈردى

2024.10.14 15:01 مەنبە: خەلق تورى

مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى لەن فوئەن گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق تونۇشتۇردى:

● بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، مەركەز مالىيەسى 66 مىليارد 700 مىليون يۈەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ياردەم پۇل مەبلىغى چۈشۈرۈپ، يەرلىكنىڭ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر قاتارلىق نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىنى قوللىدى.

● 1-ئايدىن 9-ئايغىچە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ مائارىپ چىقىمى 3 تىرىليون يۈەندىن ئاشتى.

● مەملىكەت بويىچە ئومۇمىي جەھەتتىن % 3لىك نىسبەت بويىچە پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلۈپ، شەھەر-يېزا ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئۆلچىمى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈلدى.

●ئاساسىي ئاممىۋى سەھىيە مۇلازىمەت خىراجىتى مالىيە ياردەم پۇلى ئۆلچىمى ھەربىر كىشىنىڭ ھەر يىلى 94 يۈەنگە، شەھەر-يېزا ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مالىيە ياردەم پۇلى ئۆلچىمى ھەربىر كىشىنىڭ ھەر يىلى 670 يۈەنگە ئۆستۈرۈلدى.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ