مالىيە مىنىستىرلىقى: دۆلەت ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بىر قاتلىنىدۇ، تولۇق كۇرس ۋە مەخسۇس كۇرسنىڭ دۆلەت مۇكاپاتى 10 مىڭ يۈەنگە ئۆستۈرۈلىدۇ

2024.10.14 15:00 مەنبە: خەلق تورى

مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى گو تىڭتىڭ 10-ئاينىڭ 12-كۈنى گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق تونۇشتۇردى: ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش توغرىسىدا، 2024-يىلى تۆۋەندىكى سىياسەت-تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ:

1. دۆلەت ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بىلەن مۇكاپاتلىنىدىغانلارنىڭ سانى بىر ھەسسە قاتلىنىدۇ: تولۇق كۇرس ۋە مەخسۇس كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىدىن دۆلەت ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ئالىدىغانلارنىڭ سانى ھەر يىلى 60 مىڭ ئادەمدىن 120 مىڭ ئادەمگە يەتكۈزۈلىدۇ؛ ماگىستىر ئاسپىرانتلاردىن دۆلەت ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ئالىدىغانلارنىڭ سانى ھەر يىلى 35 مىڭدىن 70 مىڭغا يەتكۈزۈلىدۇ؛ دوكتورلۇقتا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلاردىن دۆلەت ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ئالىدىغانلارنىڭ سانى ھەر يىلى 10 مىڭ ئادەمدىن 20 مىڭ ئادەمگە يەتكۈزۈلىدۇ.

2. تولۇق كۇرس ۋە مەخسۇس كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇش مۇكاپات ئۆلچىمى ئۆستۈرۈلىدۇ: تولۇق كۇرس ۋە تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىغا بېرىلىدىغان دۆلەتنىڭ ئوقۇش مۇكاپات پۇلىنىڭ مۇكاپات ئۆلچىمى ھەربىر ئوقۇغۇچىغا يىلىغا 8000 يۈەندىن 10 مىڭ يۈەنگە ئۆستۈرۈلىدۇ؛ تولۇق كۇرس ۋە مەخسۇس كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دۆلەت رىغبەتلەندۈرۈش ئوقۇش مۇكاپات پۇلىنىڭ مۇكاپات ئۆلچىمى ھەربىر ئوقۇغۇچىغا يىلىغا 5000 يۈەندىن 6000 يۈەنگە ئۆستۈرۈلىدۇ.

3. تولۇق كۇرس ۋە مەخسۇس كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىغا دۆلەتنىڭ ئوقۇش ياردەم پۇلىنىڭ ياردەم بېرىش ئۆلچىمى ئۆستۈرۈلىدۇ، 2024-يىلى كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۇمىدىن باشلاپ ئوتتۇرىچە ياردەم بېرىش ئۆلچىمى ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا يىلىغا 3300 يۈەندىن 3700 يۈەنگە ئۆستۈرۈلىدۇ.

4. دۆلەتنىڭ ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلىنى قوللاش سالمىقى زورايتىلىپ، سوممىسى ئۆستۈرۈلىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ