ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى مەكتەپكە يانفون ئېلىپ كىرسە بولامدۇ؟ بۇ جايدا ئېنىق بولدى

2024.10.14 14:55 مەنبە: خەلق تورى

مۇخبىرنىڭ گۇاڭجوۋ شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك 14 ـ نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 12 ـ يىغىنى يېقىندا «گۇاڭجوۋ شەھىرىدىكى ئوتتۇرا ـ باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ پىسخىكا ساغلاملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش نىزامى» (تۆۋەندە قىسقارتىپ «نىزام» دېيىلىدۇ)نى تەستىقلىغان، 2024 ـ يىلى 11 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىغان بولۇپ، بۇ مەملىكەت بويىچە ئوتتۇرا ـ باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ پىسخىكا ساغلاملىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان تۇنجى يەرلىك نىزام ھېسابلىنىدىكەن.

«نىزام»نىڭ 2-ماددىسىدا مۇنداق ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: «نىزام» گۇاڭجوۋ شەھىرىنىڭ مەمۇرىي رايونى ئىچىدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ پىسخىكا ساغلاملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىگە تەتبىقلىنىدۇ، بۇ يەردە دېيىلگەن ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئادەتتىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەر، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەر، تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرى، ئالاھىدە مائارىپ مەكتەپلىرى، مەخسۇس مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنى كۆرسىتىدۇ.

ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ پىسخىك ھەرىكەت مەسىلىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتتە، «نىزام»نىڭ 14-ماددىسىدا مۇنداق ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئاتا-ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرى ۋەسىيلىك قىلىنغۇچىنىڭ يانفون قاتارلىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېرمىنال مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىشىنى قاتتىق چەكلىشى، ۋەسىيلىك قىلىنغۇچى يانفون قاتارلىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېرمىنال مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىدىغان سورۇن، ۋاقىت بۆلىكى، ۋاقتى، قېتىمى، مەزمۇنى، ئىقتىدارى، ھوقۇق دائىرىسى قاتارلىق ئىشلارنى قېلىپلاشتۇرۇشى ھەمدە مەكتەپنىڭ يانفون قاتارلىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېرمىنال مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىشىنى مەنئى قىلىشى ياكى چەكلىشىگە ماسلىشىشى كېرەك.

مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ يانفون قاتارلىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېرمىنال مەھسۇلاتلىرىنى مەكتەپكە ئېلىپ كىرىشى ياكى مەكتەپ ئىچىدە ئىشلىتىشىنى چەكلىسە بولىدۇ؛ ئېلىپ كىرىشكە رۇخسەت قىلىنغانلىرىنى بىرتۇتاش باشقۇرۇش كېرەك، ئوقۇتۇش ئېھتىياجىدىن باشقىلىرىنى دەرسخانىغا ئېلىپ كىرىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ.

مەكتەپلەر ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ جىددىي ئەھۋالدا ئاتا-ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرى بىلەن ئالاقىلىشىشى ئۈچۈن ئاممىۋى تېلېفون ئورنىتىپ بېرىشى كېرەك.

مەكتەپ ئۆز مەكتىپىنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئاساسەن، قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتە يانفون قاتارلىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېرمىنال مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىشى توغرىسىدا بەلگىلىمە چىقارسا بولىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ