شۇ جاي ۋاقتى 10-ئاينىڭ 13-كۈنى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ ۋىيېتنام ھۆكۈمىتى تۇرۇشلۇق جايدا ۋىيېتنام زۇڭلىسى فەن مىڭجېڭ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ليۇ ۋېيبىڭ فوتوسى
شۇ جاي ۋاقتى 10-ئاينىڭ 13-كۈنى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ ۋىيېتنام ھۆكۈمىتى تۇرۇشلۇق جايدا ۋىيېتنام زۇڭلىسى فەن مىڭجېڭ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.
لى چياڭ مۇنداق بىلدۈردى: بۇ يىل 8-ئايدا، باش شۇجى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ باش شۇجى، دۆلەت رەئىسى سۇلىن بىلەن ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو-ۋىيېتنام مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈپ بەردى، يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشتى. جۇڭگو تەرەپ ۋىيېتنام تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت ئالىي رەھبەرلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقىرى قاتلامدىكىلەر ئالاقىسىنى ساقلاپ، ئۆزئارا ئىشىنىشنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇق ئەسلىي مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، يول، تۈزۈم ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق ئىرادىسىنى كۈچەيتىپ، ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە جۇڭگو-ۋىيېتنام تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ.
لى چياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنام ئوخشاشلا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بولۇپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدىكى ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ، جۇڭگو تەرەپ ۋىيېتنامنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان سوتسىيالىزم يولىدا پۇختا مېڭىشىنى قەتئىي قوللايدۇ، ۋىيېتنام تەرەپ بىلەن تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو-ۋىيېتنام ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى مېخانىزمىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشنى خالايدۇ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسى بىلەن «ئىككى كارىدور، بىر چەمبىرەك» رامكىسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇش ھەمكارلىق يىرىك پىلانىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش، سودا سېلىنمىسى ھەمدە ساياھەت، داۋالاش، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆلچەملىك پۇل بىلەن راسچوت قىلىش ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، رەقەملىك ئىقتىساد، يېشىل تەرەققىيات قاتارلىق يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەر ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئىككى تەرەپ كېلەر يىلىدىكى جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنامنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 75 يىللىقى ۋە «جۇڭگو-ۋىيېتنام ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش يىلى»نى پۇرسەت بىلىپ، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقى، بولۇپمۇ ياش ئەۋلادلارنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى ۋە ھېسسىياتىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنام دوستلۇق ئىشلىرىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇشى كېرەك. ئىككى تەرەپ دوستانە كېڭىشىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىختىلاپلارنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، دېڭىز ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ۋىيېتنام تەرەپ بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك سۇپىلاردىكى ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىشنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى بىرلىكتە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا يېتەكلەشنى خالايدۇ.
فەن مىڭجېڭ مۇنداق بىلدۈردى: ۋىيېتنام بىلەن جۇڭگونىڭ يولداش ھەم قېرىنداش بولۇشتەك يېقىن مۇناسىۋىتى بار، ئەنئەنىۋى دوستلۇقى ۋاقىت ئۇزارغانسېرى يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ. جۇڭگو ۋىيېتنامنىڭ بارلىق تاشقى سىياسىتىدە ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش يۆنىلىشى مۇجەسسەملەنگەن بىردىنبىر دۆلەت، جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋىيېتنام پارتىيەسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك ئالدىن تاللىشى ۋە ئىستراتېگىيەلىك تاللىشى. ۋىيېتنام تەرەپ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى قوللايدۇ، رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان بىر قاتار دۇنياۋى تەشەببۇسلارنى قوللايدۇ. جۇڭگو تەرەپنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان ۋىيېتنامنى مەدەت ۋە ياردەم بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن. كېلەر يىلى ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 75 يىللىقى، ۋىيېتنام تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتنىڭ ئالىي رەھبەرلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى يېتەكچى قىلىپ، يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، پۇل مۇئامىلە، سېلىنما، يېزا ئىگىلىكى، پەن-تېخنىكا قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئالغا سىلجىتىپ، قاتناش ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، چېگرا ھالقىغان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق رايونى قاتارلىق يېڭى ئەندىزىلەر ئۈستىدە ئىزدىنىشنى، رەقەملىك ئىقتىساد، يېشىل تەرەققىيات قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، مائارىپ، ساياھەت، ياشلار ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. ۋىيېتنام تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىنى قوغداشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتنىڭ يۇقىرى قاتلام ئورتاق تونۇشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دوستانە كېڭىشىش ئارقىلىق ئىختىلاپلارنى مۇۋاپىق باشقۇرۇش-تىزگىنلەشتە چىڭ تۇرۇپ، دېڭىزنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى ئورتاق قوغدىشى كېرەك.
سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت زۇڭلىلىرى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى، تاموژنا، پۇل مۇئامىلە، ئادەم كۈچى بايلىقى، تاراتقۇ، مائارىپ قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئالماشتۇرۇش مۇراسىمىغا بىرلىكتە قاتناشتى.
سۆھبەتتىن بۇرۇن، فەن مىڭجېڭ لى چياڭ ئۈچۈن قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. لى چياڭ يەنە خۇ جىمىڭنىڭ قەبرىسىگە ئېھتىرام بىلدۈردى ھەم گۈلچەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
زىيارەت مەزگىلىدە، ئىككى تەرەپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن ۋىيېتنام سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ قوشما باياناتى»نى بىرلىكتە ئېلان قىلىدۇ.