يېقىندا، گەنسۇ ئۆلكىسى جاڭيې شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ھۆكۈمەت تور بېكىتىنىڭ «رەھبەرلىك كۆزنىكى» سەھىپىسى يېڭىلاندى، ئەڭ يېڭى تىزىملىكتە كۆرسىتىلىشىچە، ئېربول زىقان جاڭيې شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەرلىك ھۆكۈمەت پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، شەھەر باشلىقى نامزاتىغا تەيىنلەنگەن.
ئېربول زىقان، قازاق، 1973-يىلى 5-ئايدا تۇغۇلغان، بۇ قېتىم يېڭىدىن ۋەزىپىگە تەيىنلىنىشتىن بۇرۇن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىسادىي تەپتىش نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، نازىرى بولغان.