مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ھەربىي ئىشلار خەۋىرىگە قارىغاندا، 10-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئىسرائىلىيە لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ لىۋاندا تۇرۇشلۇق ئۈچ ۋاقىتلىق قىسىمىنىڭ گازارمىسىغا ھۇجۇم قىلغان. بىرلەشمە لىۋان قىسىمى ھۇجۇمغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، مۇخبىر بىرىنچى ۋاقىتتا ئالدىنقى سەپ بىلەن ئالاقىلەشتى، يېڭىلا تاپشۇرۇۋالغان خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتە، جۇڭگونىڭ 22-تۈركۈمدىكى لىۋانغا بارغان تىنچلىق ساقلاش قىسىمى بىرقەدەر بىخەتەر، ئەھۋالى ياخشى ئىكەن. كۆپچىلىك خاتىرجەم بولۇڭلار!