شۇ جاي ۋاقتى 10-ئاينىڭ 11-كۈنى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ لائوسنىڭ رەئىس مەھكىمىسىدە لائوس خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى تۇڭلۇن بىلەن كۆرۈشتى.
لى چياڭ ئالدى بىلەن باش شۇجى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ باش شۇجى، دۆلەت رەئىسى تۇڭلۇنغا يوللىغان سەمىمىي سالىمىنى يەتكۈزدى ھەم لائوس تەرەپنىڭ شەرقىي ئاسىيا ھەمكارلىقى رەھبەرلىرىنىڭ بىر قاتار يىغىنلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزگەنلىكىنى تەبرىكلىدى. لى چياڭ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن لائوس سوتسىيالىستىك يولداش ھەم قېرىنداش، دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 60 نەچچە يىلدىن بۇيان، ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىش سىنىقىغا بەرداشلىق بېرىپ، ئۈزلۈكسىز يېڭى جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى. باش شۇجى شى جىنپىڭ باش شۇجى تۇڭلۇن بىلەن قويۇق ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى ساقلاپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ـ لائوس تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن رول تۇتۇپ يول باشلىدى. جۇڭگو تەرەپ باشتىن-ئاخىر لائوس بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى جۇڭگونىڭ ئەتراپ دىپلوماتىيەسىدە ئالاھىدە مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ كەلدى، لائوس تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتنىڭ ئالىي رەھبەرلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىگە ئەمەل قىلىپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، قول تۇتۇشۇپ يۇقىرى ئۆلچەملىك، يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى سەۋىيەلىك جۇڭگو-لائوس تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت-سائادەت ئېلىپ كېلىشنى خالايدۇ.
لى چياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو تەرەپ لائوسنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان سوتسىيالىزم يولىدا مېڭىشىنى قەتئىي قوللايدۇ، لائوس تەرەپ بىلەن بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور مەسىلىلەردە داۋاملىق بىر-بىرىنى قەتئىي قوللاشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ جۇڭگو-لائوس تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنىڭ يېڭى نۇسخىدىكى ھەرىكەت پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنى لائوسنىڭ «قۇرۇقلۇق بېكىنمە دۆلىتىدىن قۇرۇقلۇقنى تۇتاشتۇرىدىغان دۆلەتكە ئۆزگىرىش» ئىستراتېگىيەسى بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، سودا، سېلىنما، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، قېزىلما بايلىق قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، يوشۇرۇن كۈچنى يەنىمۇ قېزىپ، جۇڭگو-لائوسى تۆمۈريولىنىڭ تۈرتكىلىك ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرۇشى، جۇڭگو-لائوس ھەر تەرەپلىمە ھەمكارلىقىدا تېخىمۇ كۆپ كۆرگىلى بولىدىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ لائوس تەرەپ بىلەن مەدەنىيەت، ساياھەت، مائارىپ قاتارلىق ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە دوستلۇقنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى ئۈچۈن تېخىمۇ پۇختا خەلق رايى ئاساسى سېلىشنى خالايدۇ.
تۇڭلۇن لى چياڭغا باش شۇجى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭغا سەمىمىي سالىمىنى يەتكۈزۈپ قويۇشنى ئېيتتى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى تەبرىكلىدى. تۇڭلۇن مۇنداق بىلدۈردى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقۇدەك تارىخىي خاراكتېرلىك تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قولغا كەلتۈردى، خەلقئارادىكى تەسىرى سىجىل ئاشتى، لائوس تەرەپ بۇنىڭغا يۈكسەك باھا بېرىدۇ. لائوس پارتىيەسى، ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى باشتىن-ئاخىر جۇڭگونى ئايرىلماس ياخشى قوشنا، ياخشى دوست، ياخشى يولداش، ياخشى ھەمراھ دەپ قاراپ كەلدى، بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ تەيۋەن مەسىلىسى، شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلە، شياڭگاڭغا ئالاقىدار مەسىلە قاتارلىق مەسىلىلەردە يادرولۇق مەنپەئەتىنى قوغدىشىنى قەتئىي قوللايدۇ، ئۈچ چوڭ دۇنياۋى تەشەببۇسنى قەتئىي قوللايدۇ. لائوس تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى يەنىمۇ قويۇقلاشتۇرۇپ، لائوسنىڭ دۆلەت تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسى بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، لائوس-جۇڭگو تۆمۈريولى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئالغا سىلجىتىپ، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، لائوس بىلەن جۇڭگو تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.