شىنجاڭ قاتناش ھادىسىسى بويىچە ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش فوندىنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئالدىن تۆلەش چېكىنى ئايدىڭلاشتۇردى

2024.10.11 15:39 مەنبە: خەلق تورى

يول قاتناش ھادىسىسى ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش فوندىنى باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، يول قاتناش ھادىسىسىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنى قانۇن بويىچە قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش ئۈچۈن، 10-ئاينىڭ 9-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى تور بېكىتى «<شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يول قاتناش ھادىسىسى ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش فوندىنى باشقۇرۇشنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسى> نى بېسىپ تارقىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» (شىنجاڭ مالىيە-ئىقتىساد قائىدىسى (2022) 12-نومۇر)نىڭ قوشۇمچە ئۇقتۇرۇشى ھەم ئالاقىدار سىياسەتلەرنى ئېلان قىلدى.

قوشۇمچە ئۇقتۇرۇشتا، بىر ئادەمنىڭ قۇتقۇزۇش خىراجىتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى بولغاندا تۆلەپ تۇرۇش چېكى 500 مىڭ يۈەن بولىدۇ، ئېشىپ كەتكەن قىسمى تۆلەپ تۇرۇلمايدۇ، دەپ ئېنىق بەلگىلەنگەن. بىر كىشىلىك دەپنە خىراجىتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى بېرىپ تۇرۇش چېكى ئاپتونوم رايوننىڭ ئالدىنقى يىللىق ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئايلىق ئوتتۇرىچە مائاشىنىڭ ئالتە ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئاپتونوم رايونلۇق قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش فوندى بىرلەشمە يىغىنى ئىشخانىسى ئاپتونوم رايونلۇق قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىش فوندى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى قۇردى، مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش فوندى تۆلەپ تۇرغان سومما 300 مىڭ يۈەندىن ئاشىدىغان قاتناش ھادىسىسىدە يارىلانغانلارنى قۇتقۇزۇش، داۋالاش لايىھەسى ۋە خىراجىتىنىڭ مۇۋاپىقلىقىنى تەكشۈرىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ