مۇكاپات ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 3000 يۈەن! 10-ئاينىڭ 19-كۈنى سائەت 24 تە ئاخىرلىشىدۇ

2024.10.11 15:38 مەنبە: خەلق تورى

شىنجاڭ 2 ـ نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۈرۈمچى شەھىرى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان، نۆۋەتتە ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەنتەربىيە ئىدارىسى پۈتۈن جەمئىيەتكە بۇ قېتىمقى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇسابىقە بەلگىسى، قۇت بەلگىسى ۋە تەشۋىقات شوئارىنى توپلاش توغرىسىدا تەكلىپ ئەۋەتكەن، توپلاش لايىھەسى بويىچە 1 ـ، 2 ـ، 3 ـ دەرىجىلىك مۇكاپات تەسىس قىلغان، مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەر 3000 يۈەندىن 200 يۈەنگىچە ئوخشاش بولمىغان نەق پۇل مۇكاپاتىغا ئېرىشەلەيدۇ.

قاتناشقۇچىلار ئېلخەت ئارقىلىق ئەسەر ئەۋەتسە بولىدۇ. ئېلخەت ئادرېسى: 920294818@qq.comمەسلىھەت سوراش تېلېفونى: 15199009029

ئەسەر ئەۋەتىش ۋاقتى بۈگۈندىن باشلاپ 2024-يىل 10-ئاينىڭ 19-كۈنى سائەت 24 كىچە بولىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ