شىنجاڭدىكى تۈرلۈك قىزىل كىرېست قۇتقۇزۇش ئەترىتى 45 كە يەتتى

2024.10.10 16:13 مەنبە: خەلق تورى

مۇخبىرنىڭ 10-ئاينىڭ 9-كۈنى شىنجاڭ قىزىل كىرېست جەمئىيىتىدىن ئىگىلىشىچە، ھازىرغا قەدەر، شىنجاڭ قىزىل كىرېست سىستېمىسى دۆلەت، ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر) دەرىجىلىك قىزىل كىرېست قۇتقۇزۇش ئەترىتىدىن جەمئىي 45 نى قۇرغان.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ قىزىل كىرېست جەمئىيىتى پۈتۈن شىنجاڭنىڭ جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە پائال سىڭىشىپ، قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش سىستېمىسى بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئاساسى ۋە كۈچىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى. نۆۋەتتە قۇرۇلغان 45 قۇتقۇزۇش ئەترىتى ئاساسلىقى ئىزدەش-قۇتقۇزۇش، داۋالاش، سۇ بىلەن تەمىنلەش، ياردەم بېرىش، پىسخىكا، ئاممىۋى سەھىيە، قۇتقۇزۇش، يۆتكەپ توشۇش قاتارلىق ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئالاقىدار كەسپىي پىدائىيلار (قۇتقۇزۇش ئەترىتى ئەزالىرى) 1000دىن ئاشىدىغان بولۇپ، «ھەرىكەتچان، جانلىق، تېز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، سىستېمىسى مۇكەممەل» بولغان جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش قىزىل كىرېست خىزمەت مېخانىزمى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندۈرۈلدى.

2023-يىل 5-ئايدا، جۇڭگو قىزىل كىرېست باش جەمئىيىتى مەملىكەت بويىچە ئالتە چوڭ جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش، قۇتقۇزۇش ھەمكارلىق رايونى قۇردى. بۇنىڭ ئىچىدە، شىنجاڭ قىزىل كىرېست جەمئىيىتى غەربىي شىمال ھەمكارلىق رايونى ئەزالىرىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، پائال تۈردە باشقا ھەمكارلىق رايونلىرى بىلەن ئاپەت ئەھۋالىنى كېڭىشىش، ئاپەتتىن ئالدىن سىگنال بېرىش، قوماندانلىق قىلىش، ئورۇنلاشتۇرۇشنى دائىملاشتۇرۇش مېخانىزمىنى پائال ئورناتتى. رايون خاراكتېرلىك ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش بويىچە زاپاس ساقلاش ئامبىرىدىن ئۈچى، ۋىلايەت، ناھىيە دەرىجىلىك زاپاس ساقلاش ئامبىرىدىن 26 سى قۇرۇلۇپ، زاپاس ساقلاش كۆلىمى 8000 كىۋادرات مېتىرغا يەتتى، قىزىل كىرېست ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا تەييارلىق كۆرۈش بويىچە زاپاس ساقلاش تورى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندى.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ